خىتاي بىلەن ھىندىستان رەھبەرلىرى يېڭى دېھلىدا بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى
2005.04.11
خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرلىرى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا چېگرا مەسلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى. مەلۇم بولۇشىچە ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ئىختىلاپلىرى مەزكۇر كېلىشىمدىكى سىياسىي يېتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ 11 - ئاپرىل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى سىڭ بىلەن خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىرلىكتە قول قويغان بۇ كېلىشىم، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ۋە ئىقتىسادىي تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىكەن.
1962 -يىلى چېگرا ئىختىلاپلىرى سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ، چېگرا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى 10 - ئاپرىل كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا 5 - نۆۋەتلىك يىغىنىنى چاقىردى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ۋە ھەمكارلىق كەيپىياتى ئىچىدە ئۇچرىشىپ، چېگرا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن .
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت خادىملىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىككى دۆلەت چېگرا سىزىقىنى ئايرىش ئۈچۈن دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن ھىندىستان، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەت " ئىككى تەرەپ مۇۋاپىق تاپقاندا بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى مۇمكىن ئىكەن" . (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ، ھىندىستاندىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى
- ۋېن جياباۋ مۇشەررەف بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارىتىدە دالاي لاما ۋە چېگرا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- خىتاي ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى ئەيىپلىدى