ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خۇسۇسىدا يەنە بىر نۆۋەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. لېكىن، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئىلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە ھېچقانداق بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقى تېخى نامەلۇم ئىكەن.
ھىندىستان بىلەن خىتاي ھىمالايا تېغى تەرەپتىكى چېگرا مەسىلىسى سەۋەبلىك 1962- يىلى ئۇرۇش قىلغان ئىدى. بۇ نۆۋەت ئېلىپ بارغان سۆھبەت ئۇشبۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان 10 - قېتىملىق سۆھبەت ئىكەن.
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى تاغلىق چېگرىدىكى 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - ئاپرىل بەرگەن خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، م. ك نارايانان بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو، 20- ئاپرىلدىن 22 -ئاپرىلغىچە يېڭى دېھلىدا ۋە تامىل نادۇ شتاتىدىكى بىر خىلۋەت ئورۇندا كۆرۈشكەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "سۆھبەت، ئوچۇق-يورۇق، دوستانە، ھەمكارلىق تۈسىنى ئالغان ئىجابىي مۇھىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى." مەزكۇر باياناتتا چېگرا مەسىلىسى سۆھبىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋاپىق بىر پەيىتنى تاللاپ، يەنە بىر نۆۋەت سۆھبەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئۆز ماقۇللۇقلىرىنى بىلدۈرۈشكەنلىكى قەيت قىلىنغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
- ھىندىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى
- ھىندىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى
- ھىندىستان جۇڭگونى دورىمايدۇ
- ھىندىستاندىن پاكىستانغا كېتىۋاتقان پويىز پارتلاپ 60 نەچچە كىشى ئۆلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھىندىستاننىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- ئامېرىكا-ھىنىدىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇھىتىدىكى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتى