ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھىسى سۇندى


2007.06.14

ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىل رەقەمگە قارىتا كۈنسېرى نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرى، 13‏- ئىيۇن كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىكسپورتنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇش سىياسىتىگە قارشى، جازا يولغا قويۇش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھىسى سۇندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات پارتىيىلىرىگە مەنسۇپ ئەزالىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ قانۇن لايىھىسىدە، ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇش ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەت قىلىش تەھدىتىگە قارىماي ، بۇ يىل ھەر قانداق قىلىپ، خىتايغا قارشى بىر قانۇن لايىھىسى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن،دېيىشمەكتە.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھەنرى پاۋەلسون، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئەگەر خىتاي بازىرىنى چەتئەل سودىگەرلىرىگە ئىچىپ، خىتاي پۇلى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئازايتمىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش مەسلىسىدە قوزغالغان يېڭى دولقۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاۋەلسوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.