كانادادا بەش نەپەر خىتاي ساختا گۇۋاھنامە ياساش بىلەن قولغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

يېقىندا كانادا ساقچى دائىرىلىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ساختا گۇۋاھنامە ياساش گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، پاسپورت، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىق تۈرلۈك گۇۋاھنامىلەرنى ياسىغان بەش نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغان. خىتاي كۆچمەنلىرى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان كانادادا يۈز بەرگەن بۇ قىلمىش، جەمىيەتنىڭ تۈرلۈك سەلبىي ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان. (كامىل تۇرسۇن)