خىتايدىكى ساختا ماركىلىق مال ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە


2006.11.15

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىسىتىرى گوتىرىس ئەپەندى 'ھازىر خىتايدا يامراپ كەتكەن ساختا ماركىلىق مال ئەتكەسچىلىكى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە' دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا تاموژنىلىرى خىتايدىن كىرگەن 14 مىڭ تۈركۈم ساختا ماركىلىق مالنى مۇسادىرە قىلغان. بۇنىڭ قىممىتى 156 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى 'د ۋ د' ۋە 'ۋ س د' بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاي ساختا ماركىلىق مال مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەرز سۇنۇشى مۇمكىن، دەپ جاكارلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.