ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى
2007.08.08
سەككىز نەپەر جۇمھۇرىيەتچى پارلامىنت ئەزاسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان بۇ تەكلىپتە ، بېيجىڭدا 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1936 - يىلى ناتسىست گېرمانىيىسى بېرلىندا ئۆتكۈزۈپ تەنھەركەتچىلەرنىڭ شان -شۆھرىتىگە داغ كەلتۈرگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئوخشىتىلغان.
سەككىز نەپەر جۇمھۇرىيەتچى پارلامىنت ئەزاسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپتە، خىتاينىڭ سۇدان، بېرما، شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاپ پەيدا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ تەكلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغاندا يەنە، كۆپ نەپەر دېموكراتچى پارلامىنت ئەزاسى كوممۇنىست خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى"
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى
- خەلقئارادا بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە
- كىنو چولپىنى جورج كلۇنىي خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىدى
- ستېۋېن سپېلبېرگ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن
- دارفۇر مەسىلىسى مۇھاكىمىسىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولمىدى
- خىتاي سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI ) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى "دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ يازدى