خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى


2008.02.11

خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوشقا مەكتۇپ يوللاپ، بۇشنى ئولىمپىكتىن ئىلگىرى كىشىلىك ھوقوقىنى ياخشىلاش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

مەكتۇپتا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە بۇشنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن خىتايغا قىلىدىغان ئاخىرقى سەپىرى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن.

مەكتۇپتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: " ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت ئەپەندى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ دائىرىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ."

مەكتۇپتا يەنە، خىتايدا ھازىر 250 مىليوندەك ئادەمنىڭ ئەمگەك بىلەن تۇتۇپ تۇتۇش ئورۇنلىرىدا" سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ۋەھشى ۋەيرانچىلىققا ۋە سىياسى باستۇرۇلۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار ۋە فالۇنگوڭچىلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.

مەكتۇپتا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لارىي كوكس ئەپەندى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتىش جەھەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىدى. مەزكۇر تەشكىلات بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇش ئۆتكەن يىلى 6- سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.