خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى


2008.03.17

يەكشەنبە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاكۇس روگگې مۇخبىرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر تىبەت ۋە قوشنا رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، روگگې ئۆزىنىڭ ساينت لۇسىئوتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا: "بىز ئىنتايىن ئەندىشىلەندۇق. كومىتېتىمىز شۇنى ئۈمىد قىلىدۇكى، بۇ خىل ئەھۋال پات يېقىندا بېسىققۇسى" دېگەن. ئۇ يەنە، تەبىئەتتىكى توقۇنۇشقا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەممىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، روگگې شەنبە كۈنى، تىبەتتە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تۈپەيلى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن ئادىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

10 - مارتتىن بۇيان تىبەت ۋە قوشنا رايونلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مۇستەقىللىق نامايىشلىرى داۋام ئېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسى ۋە تىبەت راھىبلىرى ئارىسىدا بىر قاتار توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ھەمدە توقۇنۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەم يارىلانغاندىن باشقا ھازىرغا كەلگۈچە 80 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنى تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما "مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بېيجىڭ ئۆتكۈزىلىدىغان 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى بىلەن ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەت تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە باستۇرۇش خىتاينىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا مۇئەييەن سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.