ئافغانىستان ساقچىلىرى كابۇلدا 46 نەپەر خىتاي پاھىشە ئايالنى قولغا ئالدى


2006.02.08

ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى كابۇلدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتىدە، 46 نەپەر خىتاي پاھىشە ئايالنى قولغا ئالغان. بۇ تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كابۇل ساقچىلىرى بۇ ئاياللارنى بۇ يەردىكى بىر قانچە رېستۇران ۋە مېھمانخانىلاردىن يىغىۋالغان. ساقچىلار ھەتتا تاماقخانا دەپ ئېچىلغان بۇ خىتاي رېستۇرانلىرىدا بىرەر ئاشپەزنىڭمۇ يوقلىقىنى، بۇ يەردە پەقەت پاھىشىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاياللار ھازىر ساقچىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ دېلوسى سوتقا سۇنۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن يىلىمۇ 5 نەپەر خىتاي پاھىشە ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، يېرىم يىلدەك تۈرمىدە سولانغاندىن كېيىن، چېگرادىن خىتايغا قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى 4 يىلدىن بۇيان، ئافغانىستاندا خىتاي رېستۇرانلىرى خېلى كۆپىيىپ قالغان. يېڭى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى گەرچە دۆلىتىدە ھاراق-شارابلارنى چەكلىسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان بولمىغان چەتئەل رېستۇرانلىرىنىڭ ھاراق سېتىشىغا يول قويىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.