پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى


2004.12.14

پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز، سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قاراتقان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. پاكىستان دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارەت تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن. شاۋكەت ئەزىز خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە مىنىستەر ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرىشىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت دائىرىلىرى پاكىستان ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي شۇنىڭدەك سودا ئالاقىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

پاكىستان بىلەن خىتاي يېقىن چېگرىداش خوشنا دۆلەتلەردىن بولۇشتىن سىرت، يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى جەھەتتە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەر ھىساپلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت خىتاي پاكىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى

پاكىستان باش مىنىستىرى، شاۋكەت ئەزىز بۇ يىلنىڭ باشلىرى پاكىستاننىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى ھىساپلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.