خىتاي يېقىندا پاكىستان بىلەن ئالەم بوشلۇقى، مائارىپ جەھەتلەردە 13 خىل كېلىشىم ئىمزالىدى


2007.04.18

خىتاي 4 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى پاكىستان بىلەن ئالەم بوشلۇقى، سىمسىز ئالاقە ۋە مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىملەرگە ھازىر خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان پاكىستان باش مىنىسىتىرى شۆھرەت ئېزىز بىلەن خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدا ئىمزا قويغان. بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئىچىدە يەنە پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىدا بىر ئايرودروم قۇرۇش ۋە ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇش كېلىشىملىرىمۇ بار.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شۆھرەت ئېزىز خىتايغا كەلگەندە، ئۇ سىچۇئەن ئۆلكىسىدە پاكىستاننىڭ كونسۇلخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن چېڭدۇ شەھىرىنى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا يەنە، بۇ جايدىكى خىتاي -پاكىستان ھەمكارلىشىپ JF-!7بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلان ياساۋاتقان زاۋۇتنى كۆزدىن كۆچۈرگەن. شۈھرەت ئېزىز ھازىر خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلەشمەكتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.