قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي- پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزدى


2007.06.30

پاكىستاندا چىقىدىغان " كۈندىلىك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، قىزىل مەسچىت ۋەقەسىنىڭ پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە داغ چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى ئافتاپخان شېرپاۋ، خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، پاكىستاندا ماساجخانىدا ئىشلەيدىغان خىتاي ئاياللارنىڭ قىزىل مەسچىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنستىرىدىن دەككىسىنى، يېگەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتايلارنى گۆرۈگە ئېلىپ قىزىل مەسچىتكە قامىۋالغان پاكىستانلىق دىنىي ئوقۇغۇچىلارنى، خىتايلارنى نىشان قىلغان تېررورچىلار دەپ كۆرسەتكەن، خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنستىرى، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرىدىن " جىنايەتچىلەرنى جازالىشىنى ھەمدە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئامانلىقى قوغداش ئۈچۈن، جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە گەرچە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى خىتاي تەرەپكە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋە شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىدە چوڭ بىر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى، تەكىتلەنگەن. ماقالىدا شۇنداقلا "چۈنكى پاكىستاننىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىدە ۋەزىرىستاندا خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى گۆرەگە ئالغان ئابدۇللاھ مەسئۇد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خەلق ئالدىكى ئوبرازى پرېزىدېنت مۇشەررەپتىنمۇ يۇقىرى" دېيىلگەن.

پاكىستان كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن پاكىستان، بۇ دۆلەتتىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قوللاشقا باشلىشى بىلەن قيىن ئەھۋالدا قالغان. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە بەرگەن ئەھمىيەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، 2001‏- يىلى پاكىستاندىكى بىر لاگېردا تەربىيلىنىۋاتقان 19 ئۇيغۇرنى يۇق قىلىۋەتكەن. شۇنداقلا پاكىستان پرېزىدېنتى 2001 ۋە 2003‏- يىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلغىنىدا، خىتاي رەھبەرلىرىگە ھېچقانداق كىشى ۋە تەشكىلاتنىڭ پاكىستان زىمىنىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

قىزىل مەسچىت ۋەقەسى بىلەن پرېزىدېنتى مۇشەررەپنىڭ يەنە قيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە، پرېزىدېنت مۇشەرەپنىڭ چارىسىز ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقى، چۈنكى پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلار ئەگەر پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قىزىل مەسچىتكە ھۇجۇم قىلسا، ھۆكۈمەتكە قارشى جاھات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.