خىتاي، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تاپشۇرۇشى ھەققىدە پاكىستانغا بېسىم قىلماقتا


2007.08.11

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تىزىملىكىنى تاپشۇرغان 20 ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنى خىتايغا تاپشۇرۇشى ھەققىدە پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى بېسىمنى كۈچەيتكەن.

ھىندىستاننىڭ رازۋېتكا خەۋەرلىرى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىن 2008‏-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇپ، خىتايغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. سىياسىي مۇلاھىزىچى ب. رامان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى بولغان مەزكۇر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى جەريانىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىگە تارتىش ئۈچۈن، پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك پارتىلتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، پاكىستان رازۋېتكا ئىدارىلىرىنىڭ، ھازىرغىچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان 20 ئۇيغۇر پائاليەتچىسىنىڭ ھېچبىرىنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرمەكتە. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 6‏- ئاۋغۇست كۈنىدىن 8‏- ئاۋغۇست كۈنىگىچە پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنستىرى، پاكىستان رەھبەرلىرىدىن يەنە بىر قېتىم 2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇپ، خىتايغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قولغا چۈرۈش ۋە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئاجىز قالغان پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق بىر سۈيقەست دەپ، كۆرسىتىشكە باشلىغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.