خىتاي دۆلەت رەئىسى قازاقىستان زىيارىتىنى باشلىدى


2007.08.18

جۈمە كۈنى، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيىنىڭ چىليابىنسڭ رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرنى كۈزەتكەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، قازاقىستان زىيارىتىنى باشلىدى.

بۈگۈن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف بىلەن ئۇچراشقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، بۇ قېتمقى زىيارىتىنىڭ خىتاي-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ نىڭ زىيارىتى جەريانىدا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 9 مۇھىم كېلىشىم ئىمزالىنىدىكەن.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايىف، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى، قازاقىستان مۇستەقىللىقى ۋە تۇراقلىقىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ، دېدى. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، قازاقىستاندا خىتاينىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت قىلىدىغان ھېچقانداق پائالىيەتكە يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە خىتايدىنمۇ ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجىمى 8 مىليارد 360 مىليون دوللارغا يەتكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ نىڭ قازاقىستان زىيارىتى، قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر شەنبە كۈنى قازاقسىتاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنى، پرېزىدېنت نەزەربايىفنىڭ قازاقىستاندا دېموكراتىك بىر جەمئىيەت قۇرۇش ئىرادىسىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر سىناق دەپ قارىماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.