رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى


2007.09.04

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن خىتاي ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 6 - سېنتەبىردە موسكۋا ئەتراپىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ .

بۇ مانېۋىر ئۆتكەن ئاي بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق يىغىنىدا ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقچى بولۇپ ، " 7 ھەمكارلىق " دەپ نام بېرىلگەن بۇ مانېۋىر ئىككى تەرەپنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئورتاق جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ مانېۋىرغا " قار يىلپىزى " نامىدىكى قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسمىدىن جەمئىي يۈزگە يېقىن قوراللىق ساقچىنى 2 - سېنتەبىر مەخسۇس ھەربىي ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا ئېلىپ كەلگەن.

بېيجىڭ ۋە موسكۋا ئىككى تەرەپ قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى ئۆز ‏- ئارا قورال ‏- ياراقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، خىتاي بۇ مانېۋىردا ئالاھىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللىرىنى نامايان قىلغان . خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ،خىتاي ‏- رۇسىيە قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ بۇ بىرلەشمە مانېۋىرى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ "تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى9 - ئاۋغۇست باشلىنىپ ، 17- ئاۋغۇست رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى چېباركۇل مەشىق مەيدانىدا ئاياغلاشقان ئىدى. مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى مەشىقنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۆزدىن كەچۈرگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن :" مەزكۇر مانېۋىرنىڭ بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتا زور رول ئوينايدىغانلىقى" نى كۆرسەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان دەپ كۆرسەتمەكتە ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا باستۇرۇشقا يول بەردى دەپ ئەيىبلىمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.