رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى


2004.12.12

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف خىتاي بىلەن بولغان قورال سودىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سېرگىي ئىۋانوف دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۈئەن بىلەن ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، سېرگىي ئىۋانوف بېيجىڭغا يىتىپ كېلىشى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، " ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق يارىتىلىدۇ" دىگەن.

1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان، خىتاي رۇسىيىنىڭ ئەڭ كۆپ قورال سېتىۋالىدىغان خېرىدارىغا ئايلانغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا 2 مىليارد دوللارلىق قورال سودىسى قىلغان.

خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق قورال سودىسىنىڭ سوممىسى 5 مىليارد دوللاردىن ئوشۇق بولۇپ، خىتاي رۇسىيىدىن سۇ 30 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئۇرۇش كېمىلىرى قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللارنى سېتىۋالغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.