ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى


2008.02.12

رۇسىيە ‏- خىتاي بىرلىشىپ ئامېرىكىنى ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشقا قىستاۋاتاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگىتون دائىرىلىرى بۇ خىل پىكىرنى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن قوللانغان دېپلوماتىك ھىيلىسى دەپ قارىغان.

جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف، ئەگەر ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىلىدىغان قورال ‏-ياراقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش چەكلەنمىسە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ شۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمىنى رەت قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب بولسا، بۇ خىل كېلىشىم پەقەت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكا تەرەققىياتىنى چەكلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئەكسىچە بۇ خىل كېلىشىم خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىش ۋە ياكى سۈنئىي ھەمراھلارنى بىر ھەربىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قورال ‏- ياراقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى چەكلەش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش ئىدىيىسى، 2003- يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1972- يىلى تۈزۈلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىدىن ۋاز كېچىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا كەلگۈچە بۇ خىل كېلىشىمگە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.