نيۇيورك شەھىرىدە خىتاينىڭ ساختا مال سودىسى بەربات بولماقتا


2008.02.27

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، نيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مايكېل بلۇمبېرگ ئەپەندى خىتاينىڭ ساختا ماللىرىنى بازاردىن تازىلاشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، نيۇيورك شەھىرىدە بازارغا سېلىنغان رولېكىس، گۇچى، دولسى، گاببانا، پرادا، فېندى قاتارلىق مەشھۇر ماركىلار چاپلانغان خىتاينىڭ ساختا ماللىرى تازىلىنىشقا باشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندىلا نيۇيورك شەھىرىنىڭ مەنخاتون رايونىدا ھەر خىل ساختا مال ساتىدىغان خىتاي دۇكانلىرىدىن 32 سى تاقالغان. خىتاينىڭ ساختا ماللىرى 2003 ‏- يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ شەھەردە يامراپ كېتىپ، خېرىدارلارغا زىيان سېلىشقا باشلىغان ئىدى. يېقىندا بۇ شەھەردە بازاردىن تازىلىنىپ بولغان خىتاي ساختا ماللىرىنىڭ قىممىتى 60 مىليون دوللار ئەتراپىدا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نيۇيورك شەھىرىدە خىتاي ساختا ماللىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى يەنىلا داۋام قىلماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.