نيۇ-يوركتا خىتايچە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم زىيانلىق يىمەكلەر چەكلەندى


2006.12.24

نيۇ-يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشخانا ياكى يېمەك دۇكانلىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 23 - دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە نيۇ-يوركتا چەكلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە، نيۇ-يوركتىكى بىر قىسىم خىتاي ئاشخانىلىرىدا سېتىلىۋاتقان مايدا قىزارتىلغان يىمەكلىكلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.

مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايچە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كالسترولغا ئوخشاش زىيانلىق ماددىلار مىقدارى ئالاھىدە كۆپ، زەھەرلىك ماددىلىرىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولغان قۇيماق، مايدا قىزدۇرۇلغان توخۇ، قاتارلىق كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلىۋاتقان تېز تاماقلار بولۇپ، خىتاي ئاشخانىلىرى بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا ئاساسەن سۈنئىي مايلارنى ئىشلەتكەن.

بۇ خىل سۈنئىي مايلاردا زەھەرلىك ماددىلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن ھەتتا راك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.