ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى كۈچەيمەكتە
2008.03.24
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى باشلانغان مىنۇتلاردا، بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى خېلى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، دانىيە خەلق پارتىيىسى دانىيە باش مىنىستىرىنى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا قىستىغان بولسا، راي سىناشقا قاتناشقان 959 فرانسىيىلىكنىڭ 53 پىرسەنتى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش كېرەك دەپ قارىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيىدە چىقىدىغان ئازادلىق گېزىتىدە بېرىلگەن "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە قانداق قارشى تۇرۇش كېرەك" دېگەن سوئالغا 53 پىرسەنت كىشى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزينىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان بولسا، 42 پىرسەنت كىشى بۇ پىكىرنى قوللىمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، 55 پىرسەنت كىشى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى قوللىمىغان بولسىمۇ، ئەمما 41 پىرسەنت كىشى فرانسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقىپ كېتىپ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان.
ئەمما، دۈشەنبە كۈنى دانىيە خەلق پارتىيىسى دانىيە باش مىنىستىرى ئاندېرس راسمۇسسېننى خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭ ئولىمپىكىگە دانىيىنىڭ قاتنىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستىدى.
مەزكۇر پارتىيە دانىيىدىكى 3 - چوڭ پارتىيە بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشچە، مەزكۇر پارتىيە رەئىسى كىرستان داھل دانىيىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، دانىيىنىڭ مەزكۇر ئولىمپىككە قاتنىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوبۇل قىلغانلىقنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا باش مىنىستىرنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنى كەينىگە سۈرمەسلىكى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى
- نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 26 نەپەر ئېرىشكۈچىسى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرود براۋن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى
- خىتاي باش مىنستىرى ۋىن جىياباۋ، دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- خىتاي ساقچىلىرى تىبەتتە ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى
- خىتاي يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى بېكىتى
- تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
- خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە









