خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلارغا قارشى كېلىشىم تۈزدى
2006.04.04
تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركمەنىستان ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى كېلىشىم ئىمزالىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ كېلىشىمنى تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشكە قوشۇلدى، دەپ خەۋەر قىلغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نىيازوف بىلەن خۇ جىنتاۋ ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە " ئىككى دۆلەت شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى كۈرەشنى تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋىي كۈرەشنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارايدۇ،" دىيىلگەن ۋە " تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كېلىۋاتقان زور تەھدىت ئامىلى ھېسابلايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادە قىلغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زاتلىرىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ 30 % نى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدامۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
نىيازوف بىلەن خۇ جىنتاۋ دۆشەنبە كۈنى خىتايغا تۈركمەن تەبئىي گازىنى سېتىش ۋە خىتاي - تۈركمەنىستان ئارىسىدا تەبىئي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان. " تەرەپسىز تۈركمەنىستان" گېزىتى، تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ 2009 - يىلى ياسىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جيەنچاۋ، گاز تۇرۇبىسى كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى توغرىلىغان بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن. نىيازوفنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى يەكشەنبە باشلاندى. ئۇ، كېيىنكى قەدەمدە خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە جېجياڭ قاتارلىق شەھەر ۋە ئۆلكىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى نىيازوف خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي كېلەر يىلى مۇھىم بىر نېفىت كېلىشىمىنى ئىمزالىماقچى
- ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- خىتاي ب د ت دا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى تىلغا ئالدى
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى: خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە