ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن 160 قا يېقىن كىشى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلدى


2007.04.23

ياپونىيىدىكى باھار بايرىمى جەريانىدا، شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى 160 نەپەر ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى توكيو ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلدى. ئەمما ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ھەمدە ئۇنىڭ كابېنت ئەزالىرى تاۋاپ قىلىشقا چىقمىدى.

باھار بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ، شىنزو ئابېنىڭ قول ئاستىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى ۋە ئۆكتىچىلەردىن بولغان دېموكراتىك پارتىيە ئەزالىرى سۈترەڭ تون كىيگەن شىنتو راھىب كالانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياسۇكۇنى بۈزرۈكگاھىنىڭ پەشتاقلىرىدىن تازىم ۋە تىلاۋەت قىلىشىپ ئاستا يۇقىرى ئۆرلەشكەن. بۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ جەمئىي 159 ئادەم قاتناشقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23 ‏-ئاپرىل بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابې بۇرۇن مەزكۇر بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىن بىر مەسلىھەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنزو ئابې ئىچكى كابېنتىنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئالدىنقى يىلى ئاپرىلدا بۇ بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلغان ئىكەن.

ئالدىنقى جۈمە كۈنى شىنزو ئابې مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ باھار بايرىمى جەريانىدا ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىش ‏- قىلماسلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەشۇ ئۆز ھاياتىنى ياپونىيە ئۈچۈن تەقدىم قىلغانلارنىڭ روھىنى سېغىنىپ تىلاۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئابېنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى خىتاي بىلەن دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياسلار بېرىلگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.