ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە كۆڭۈلسىزلىك ياراتتى


2005.05.24

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يىنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ مۇددەتتىن بۇرۇن دۆلىتىگە قايتىش ھەرىكىتى، خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە كۆڭۈلسىزلىك ياراتتى.

ۋۇ يى، ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنى تۇيۇقسىز بىكار قىلىپ، دۆلىتىگە قايتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرا، ۋۇ يىنىڭ كويزۇمى بىلەن ئۇچرىشىش پىلانىنى بىكار قىلىش نازاكەتسىزلىكى ئۈچۈن ئەپۇ سورىمىغانلىقىنى ئەيىپلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، " مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز سۆزلەرنى قىلىش، جوڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

ئەسلىدىكى پىلاندا ۋۇيى دۈشەنبە كۈنى كويزۇمى بىلەن ئۇچۇرىشاتتى. ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇچۇرۇشىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى خىتايلار ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئالدىدا يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ياپونىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

ياپونىيە تەرەپ ۋۇ يىنىڭ ھەرىكىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇ يىنىڭ كۆرۈشىشنى بىكار قىلىشىغا " دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسى" سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.