ياپونىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى باشلىقلار يېغىنى جەريانىدا ئۆزئارا سەمىمى پاراڭلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا پىلانلانغان يېغىننى ياپونىيە باش مىنستىرى كويزۇمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي توكيودىكى ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىكار قىلغان ئىدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە رەھبەرلىرى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىدىن بۇرۇن 15 مىنۇت سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەت ئاساسلىقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە بولغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئەمدى خىتاي باش مىنستىرى ۋىن جىياباۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقتى يوق دېدى.
بۇ ئارىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ، گەرچە خىتاي ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىمۇ ياپونىيە باش مىنستىرى كويزۇمىنىڭ ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)