خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىگە قاراتقان 7 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىدنېي شەھىرىگە بېرىشتىن بۇرۇن، كانبېررادا ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى جان خوۋارد بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر قاتار ئىقتىسادىي كېلىشىملەرگە قول قويىدىكەن.
خىتاي، ئاۋسترالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شىرىكى بولۇپ، 2006- يىلى خىتاي-ئاۋسترالىيىنىڭ يىللىق تىجارەت ھەجىمى 33 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرى مۇنازىرىسىز ئۆتسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ۋە دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا، خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە ئېلان قىلماقچى بولغان بايانات ئۈستىدە جىددىي تالاش-تارتىشلار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاسىيا -تىنچ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرى، 8- ۋە 9- سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، يېقىندا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەك مەھسۇلاتلىرىدا ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق ماددىلار بايقالغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر يېمەكلىكلەر يىغىۋېلىنغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى قازاقىستان زىيارىتىنى باشلىدى
- خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ "قۇربانى بولۇش"تىن ئەنسىرەيدۇ
- ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدىن نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- بۇش ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خىتاينى چەكلەش قانۇنى چىقىرىشىنى قوللىمىدى
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى