ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كەچۈرۈم سورىدى


2007.11.06

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىك مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تام لانتوس، ياخۇ شىركىتىنىڭ ئىسپاتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشتىن باشقا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدىكى باھانىلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ " ياخۇ شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەم چوڭ يالغانچىلىق " دەپ ئەيىبلىدى.

ياخو شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېري ياڭ، شىركەتنىڭ مەزكۈر مەسىلە ھەققىدە ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى،ئاگاھلاندۇرۇشقا سەل قارىغانلىق ئۈچۈنلا ئۆز ئارا چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەمدە ياخۇ شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلاردىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سورىغان.

ياخۇ شىركىتى ئىلگىرى خىتاينى ياخۇ ئىنتېرنېت ئابونتلىرى بولغان ۋاڭ شاۋنىڭ ۋە شى تاۋلارنىڭ شەخسى ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ياخۇ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن خىتاي دائىرىلىرى2003 - يىلى ۋاڭ شاۋنىڭنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. شى تاۋ 2004 ‏- يىلى قولغا ئېلىنىپ 2005 - يىلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا فېدېرال سوتىدا 11 ‏- ئاينىڭ -1 كۈنى ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش دېلوسى ھەققىدە ئېچىلغان مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى شى تاۋ، ۋاڭ شاۋنىڭ قاتارلىق تور ئابونتلىرىنىڭ شەخسى ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىپ " شىركىتىمىز خىتاينىڭ قانۇنىنى ھۆرمەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ شەخسى ماتېرىياللارنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق " دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا ئىلگىرى ‏- ئاخىرى بولۇپ تۆت كىشى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.