كويزۇمى بىلەن خۇ جىڭتاۋ ئا ت ئى ھ ت نىڭ باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۈچرۇشىدۇ


2004.11.19

ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى شەنبە كۈنى چىلى پايتەختى سانتىياگودا باشلىنىدۇ.خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ پەيشەنبە كۈنى سانتىياگوغا يىتىپ كەلگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، يادرو قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە سودا مەسلىسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ يەكشەنبە كۈنى ئۆز- ئارا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ئۇچرۇشۇش، خىتاينىڭ بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەكىلىگە ئۈسۈپ كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى، ياپونىيە ئارمىيىسىگە تەيۋەن تەرەپ ئۇقتۇرغان. چېن شۈيبيەن، بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىگە تەيۋەننىڭ ئۇقتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى تەيۋەن، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ، كۆرسەتكەن. كويزۇمى بىلەن ھۇجىڭتاۋنىڭ سۆھبىتى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى مۈمكىن. كويزۇمىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە قۇربانلار قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.