فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ -24 ئىيۇل خەۋەر بېرىشىچە ، بىر نەپەر ياپونلۇق ئەر ، سەيشەنبە كۈنى كېپىنەك ئەۋرىشكىلىرىنى يىققانلىقى ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى خىتاي چېگرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
كوسىما كاۋا ئىسىملىق بۇ ياپونلۇق ئەر 68 ياشتا بولۇپ ، ئۇ بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كېپىنەك ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ساقچىلارنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ياپونلۇقنىڭ يېنىدىن 354 ياۋا كېپىنەك ھەمدە يەتتە دانە كېپىنەك تۇتۇشقا ئىشلىتىدىغان تور چىققان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، ئۇنىڭ قىلمىشى ياۋايى جانىۋارلارنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ ئىكەن.
كوسىما كاۋا مەخسۇس كېپىنەك ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ تەتقىق قىلىدىغان كىشى بولۇپ ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا 50 يىلدىن ئاشقان. ئۇ بۇ قېتىم خىتاي چېگرىسىغا 10 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن كىرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك ياۋايى كېپىنەك ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلىمۇ خوتەندە ،يەر ئۆلچەپ خەرىتىگە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى نەپەر ياپونلۇقنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى دەپ ئەيىبلەپ چېگرىدىن قوغلىغان ئىدى. (گۈلچېھرە)