ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرى خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى توسىدى


2005.09.09

ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى، تەۋەلىكى تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايونىغا يېقىنلاشقان بەش خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنى كۆزىتىشكە باشلىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرى ئوكىناۋا ئەتراپىدىكى كومې ئارىلىنىڭ 290 كىلومېتىر شەرقىي - شىمالىدا، P -C3 بەلگىلىك بىر رازۋېتكا ئايروپىلانى بىلەن خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئۇرۇش پاراخوتىنى كۆزىتىشكە باشلىغان.

ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئوچۇق دېڭىزدا بولۇپ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەكىلىگە كىرمىگەنلىكتىن ياپونىيە قىسىملىرى ھەرىكەت قوللانمىغان.

ياپونىيە بىلەن خىتاي شەرقىي دېڭىز رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول يۇقىرىقى جايلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. ياپونىيە بۇ يىل 7 - ئايدا خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ تالاش - تارتىشتىكى رايوندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان، 8 - ئايدا خىتايلارنىڭ بۇ رايوندا نېفىت - تەبىئىي گاز قېزىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ياپونىيە تارىخ كىتابلىرى ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنىڭ ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشى مەسىلىسىدە جىددى ئىختىلاپ بار ئىدى.

ياپونىيە مۇداپىئە دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە زېمىن تەۋەلىكىگە يېقىنلىشىشىدىكى مەقسىدى مەلۇم ئەمەسكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.