ئىسرائىلىيە گازا ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر قىسىم پەلەستىن زېمىنىدىن پۈتۈنلەي چېكىندى


2005.08.23

يەھۇدىيلار، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيول شارۇننىڭ پەلبەستىن زېمنىنلىرىنى بىكار قىلىش بۇيرۇقى بويىچە گازادىن پۈتۈنلەي چېكىندى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىزىدىكى ئىككى يەھۇدىلار مەھەللىسىنى مەجبۇرى چېكىندۈرگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى سەيشەنبە كۈنگىچە گازادىكى 21 يەھۇدى مەھەللىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە چېكىندۈرۈپ بولدى. ئەمدى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى 4 يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى چېكىندۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ سانۇر ۋە خومەش يەھۇدى مەھەللىلىرىدىكى تەخمىنەن 2000 رادىكال يەھۇدىي مىللەتچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىسرائىلىيە بۇ ئىككى مەھەللىدىكى پۇقرالارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن نەچچە مىڭ ئەسكەر ۋە ساقچىنى سەپەرۋەر قىلدى. بىراق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كىشىلەر ئەندىشە قىلغاندەك توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى زۆرۈر تېپىلسا قورال ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئىسرائىلىيىنىڭ 1967 - يىلى 3 - قېتىملىق ئوتتۇرا- شەرق ئۇرۇشىدا غەربىي قىرغاقنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بېرى، تۇنجى قېتىم ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زىمىنلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەرىك ئېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيول شارۇن، چېكىنىشنىڭ ئىسرائىلىيە - پەلەستىن مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش چېكىنىشنى " تارىخىي بىر قەدەم،" دەپ تەرىپلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.