رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بورىس يېلتسىنگە بەرگەن باھالىرى


2007.04.25

YELTSIN-04-25-07-COFFIN-200.jpg
رۇسىيە پرەزىدەنتى بورىس يەلتسىن نىڭ ماتەم مۇراسىمى. AFP PHOTO/FILES/PATRICK KOVARIK CROPPED VERSION / April 25, 2007

رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن 23- ئاپرىل كۈنى موسكۋادا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى رۇسىيە ۋە خەلقئارا مىقيادا رۇسىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىيات جەريانىغا يەنە بىر قېتىم نەزەر سېلىش شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىدە مۇنازىرە قىلىش دولقۇنى قوزغىدى. بورىس يېلتسىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، رۇسىيىگە دېموكراتىك ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن شەخس ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

رۇسىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك ماتەم مۇراسىمى

23-ئاپرىل كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 76 يېشىدا ۋاپات بولغان رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن چارشەنبە كۈنى دۆلەت دەرىجىلىك ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئارقىلىق دەپنە قىلىندى. ماتەم مۇراسىمغا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن باشلىق رۇسىيە ئالىي رەھبەرلىرىدىن باشقا دۇنيا سىياسەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن چوڭ بۇش بىلەن بىل كلىنتون، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېف، ئەنگىلىيە سابىق باش ۋەزىرى مېيجېر، سابىق گېرمانىيە رەھبىرى خوست كول ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلدى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈننى پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈردى. رادىئو-تېلېۋىزىيە بارلىق كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلارنى توختاتتى شۇنىڭدەك موسكۋادىكى "ئەيسا پەيغەمبەر" چېركوۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېلتسىننىڭ ماتەم مۇراسىمىنىڭ ئەھۋالى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىلدى. شۇ كۈنى بورىس يېلتسىن موسكۋادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاق رەھبىرى نىكىتا خرۇشېف قاتارلىق ئاتاقلىق ئەربابلار ياتقان نوۋادېۋىچا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. بورىس يېلتسىننىڭ مېيىتى بىلەن ئاممىۋى ۋىدالىشىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن موسكۋالىقلار چېركوۋغا كېلىپ، يېلتسىن بىلەن ۋىدالاشتى ھەمدە خاتىرە گۈللىرىنى قويۇشتى.

رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى يېلتسىنگە بېغىشلانغان ماتەم مۇراسىمىنى رۇسىيىدە ئەنئەنىۋى ئىمپېرىيە دەرىجىلىك ماتەم ئادەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تۇنجى قېتىملىق ھەيۋەتلىك ماتەم مۇراسىمى دەپ ئاتىدى.

20-ئەسىردىكى مەشھۇر سىياسىي ئەرباب ۋە تارىخىي شەخس ھېسابلانغان بورىس يېلتسىننىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھاياتى مۇرەككەپ مۇساپىلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھاياتى ھەققىدە تۈرلۈك ئىجابىي ۋە سەلبىي كۆز قاراشلار، باھالار ھەتتا كۈلكىلىك يۇمۇرلار مەۋجۇت. ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىغا دېموكراتىيە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئارىلىشىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

يېلتسىن دەۋرى رۇسىيىنىڭ ئەڭ دېموكراتىك مەزگىلىدۇر

بورىس يېلتسىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن رۇسىيە جامائەتچىلىكىدە ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىر مەيدان مۇنازىرىلەر، قىسقىسى ئوخشىمىغان باھالار ئوتتۇرىغا چىقتى.

ۋلادىمىر پۇتىن پۈتۈن مەملىكەتكە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇقتىدا يېلتسىننىڭ رۇسىيە دېموكراتىيىسىنى بەرپا قىلغانلىقىنى مەدھىيىلەش بىلەن " رۇسىيىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى بورىس نىكولايېۋىچ يېلتسىن غەيرەتكە تولغان، ھەممىگە قۇربى يېتىدىغان، ساپ -سەمىمىي بىر ئىنساندۇر" دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېلتسىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، يېلتسىننىڭ رۇسىيىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى. دۆلەت مەجلىسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوس باياناتىدا، يېلتسىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى سۈرگەن جەريانىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئەڭ دېموكراتىك دەۋرى ئىكەنلىلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ جانچاۋمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، يېلتسىننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىئىۋىتى ئورناتقانلىقىنى، ئۇنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

رۇسىيە جامائىتىنىڭ ئىنكاسلىرى

بورىس يېلتسىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە كومپارتىيىنىڭ بىر پارتىيە ھاكىممۇتلەقلىق سىستېمىسىغا خاتىمە بېرىشتا ئوينىغان رولى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىپ، قاتتىق قول سىياسەت يۈگۈرمەكچى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مەيدانغا چىقىپ، تانكا ئۈستىدە پۈتۈن موسكۋالىقلارنى جۈملىدىن رۇسىيىلىكلەرنى دېموكراتىيىنى قوغداشقا چاقىرغان ئوبرازى ھازىرقى زامان دۇنيا سىياسىي تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن zagolowka.ru ناملىق ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېلتسىننىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى رۇسىيىگە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئېلىپ كېلىش بولسا، ئۇنىڭ ئاساسلىق خاتالىقى چېچەن ئۇرۇشى ۋە خۇسۇسىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

چېچەن ئۇرۇشى 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر ئۇرۇشتا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ يېڭىلىشى بىلەن ئارمىيىنىڭ ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكى، دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رۇسىيە ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىسى، رۇسىيە خېلسىنكى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئالېكسېيېۋا خانىم بولسا، يېلتسىننىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمنى يوق قىلىپ، دۆلەتكە دېموكراتىيە ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

رۇسىيە خرىستىيان دىنىي داھىيلىرى يېلتسىننىڭ رۇسىيىدىكى خرىستىيان دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە يول ئاچقانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە، يېلتسىننىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىنىڭ چېچەن ئۇرۇشى بولماستىن بەلكى، ئۆز ئىزباسارىنى خاتا تاللىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن يېلتسىن بەرپا قىلغان دېموكراتىيىنى ئارقىغا چېكىندۈرگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ يېلتسىن ھاكىمىيەت سۈرگەن ئەڭ دېموكراتىك دەۋرى پۇتىن ھوقۇق تۇتقان بۇ مەزگىلدە ئاخىرلاشتى. بورىس يېلتسىن ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ چېچەن ئۇرۇشىنى قوزغىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تەن ئېلىپ، بۇ ئۇرۇشتا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ئەپۇ سورىغان ئىكەن.

رۇسىيىنىڭ newsru.com تورىنىڭ يېزىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سابىق ئىقتىساد ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاندرېي ئىللارىئونوفنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، بورىس يېلتسىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ پۇتىننى ئىز باسارلىققا تاللىغانلىقىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا بولغانلىقىنى تەن ئالغان ئىكەن.

بورىس يېلتسىن 1931-يىلى رۇسىيىنىڭ سۋېردلوف ئوبلاستىدا ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.