"ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ناملىق يىغىن ئېچىلدى


2004.11.05

"ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ناملىق يىغىن 5- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ كونېتىكېت شتاتىنىڭ مەركىزى ھارتفورد شەھىرىدە باشلاندى.

songyongli.gif
21 – ئەسىر خىتاي فوندى جەمئىيىتى دىرېكتورى سوڭ يوڭلى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە

ئۈچ كۈنلۈك بۇ يىغىن 21 – ئەسىر خىتاي فوندى جەمئىيىتى، خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى ۋە ترىنىتي ئىنىستىتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردىن بولۇپ 70 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى. 21 – ئەسىر خىتاي فوندى جەمئىيىتىدىن سوڭ يوڭيى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. يىغىنغا خىتايدىن كەلگەن خىتاي ۋە تىبەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

ترىنتي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دوكتور فرانك، پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى پېرري لىنك ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى. تىبەتلەرنىڭ ۋەكىلى تىبەتلەرنىڭ روھىي داھىيسى دالاي لامانىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ دەسلەپكى سۆزلىگۈچىلىرىدىن پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان خې چىڭليەن خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان قاتتىق باشقۇرۇشى" تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت نەشرىيات ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتېنېت ساھەسىدىمۇ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئاخبارات باشقۇرۇشىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كىشىلەرنىڭ خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دېگەن قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يىغىن سۆزلىگۈچىلىرىدىن دوكتور پاترىشا تورنتون خانىم خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتى ۋە قولغا ئېلىنغان ئىنتېنېت ئاكتىپلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبلىرى ۋە بۇنىڭغا بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف بۇ يىغىندا "11- سېتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" تېمىسىدا سۆز قىلماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.