شەنبە كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىي سودا - ئىقتىساد شەھىرى شېنجىندىكى بىر تانسىخانىغا ئوت كېتىپ 43 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2008-09-16
خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى پۈتۈن خىتاي بازىرىدىكى بالىلار سۈت پاراشوكلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 15 - سېنتەبىرگە قەدەر شىجياجۇاڭ سەنلۇ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار پاراشوكى سەۋەبلىك زەھەرلىنىپ كېسەللىك كۆرۈلگەن بالىلار 1253گە يەتكەن.
2008-09-16
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.
2008-09-15
زەھەرلەنگەن بوۋاقلار پاراشوكى دېلوسىغا ئالاقىدار ئىككى ئاكا - ئۇكا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ئەسلى خىتايدىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قەدەر چوڭ شىركەت سەنلۇ شىركىتىنىڭ سۈت تەمىنلىگۈچىلىرى ئىكەن.
2008-09-13
شەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشىغا ۋە بىر بوۋاقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سۈت پاراشوكىنى ساتقان سەنلۇ سۈت فېرمىسىنىڭ، سۈت پاراشوكىنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈشىدىن نەچچە ھەپتە بۇرۇن مەزكۇر سۈت پاراشوگىدا چەكلەنگەن بىر خىمىيىۋىي ماددىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2008-09-11
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ " سەنلۇ " ماركىلىق سۈت پاراشوكىدىن بۇلغىنىش مەيدانغا كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ مەزكۈر سۈت پاراشوكىنى ئىشلەتمەسلىكى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.
2008-09-11
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەھبۇسلارغا قارىتا تەن جازاسىنى تەلتۆكۈس توختاتمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2008-09-10
مالايسىيادا خىتايلار 'كۆچمەن' دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن پەيدا بولغان مىللەت غەۋغاسى، ھازىر بۇ دۆلەتتە سىياسىي تۈس ئالماقتا.
2008-09-10
خىتاينىڭ دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتايدا بۇ يىل 8 - ئاي ئىچىدە يېمەك - ئىچمەك باھاسى گەرچە ئۆتكەن ئايدىكىدىن %1.4 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇرقى مۇشۇ مەزگىلىدىكىدىن %10 يۇقىرى ئۆرلىگەن.
2008-09-09
9 - سېنتەبىر كۈنى جۇڭگو كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى ماۋزېدۇڭ ۋاپاتىنىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنى. ھالبۇكى بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ كۈنگە ئىنتايىن تۆۋەن كەيپىياتتا مۇئامىلە قىلغان.