خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابى: «خىتاي كومپارتىيەسى بولمىسا خىتاي بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.09.27
Xitay-Aqtashliq-Kitap-201909.jpg خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى دەۋردىكى خىتاي ۋە دۇنيا» تېمىسىدا بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلى. 2019-يىلى 27-سېنتەبىر.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ساناقلىق كۈنلەر قالغان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى كەڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. خىتاينىڭ بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قانات يايدۇرغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى «70 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپە، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت» باش تېمىسىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتايدا 70 يىلدىن بۇيان زور ۋە شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسى بولغاچقىلا خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە يېتىپ كەلگەنلىكىدەك بىر مەركىزى ئىدىيە ئالغا سۈرۈلمەكتە.

27-سېنتەبىر كۈنى، يەنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى دەۋردىكى خىتاي ۋە دۇنيا» تېمىسىدا بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدا 70 يىلدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن بارلىق نەتىجىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يېتەكچىلىكىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. 

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئاق تاشلىق كىتابتا ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمايدىكەن، خىتاينىڭ بۆلۈنۈپ، پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ كۆلىمى چوڭ، دۆلەت ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، دۆلەتنى باشقۇرۇش قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. ئەگەر بىرلىككە كەلمىگەن، قۇدرەتلىك بىر رەھبەرلىك تۈزۈمى بولمايدىكەن، خىتاي بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ ۋە بۇ دۇنياغا زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.» 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئاق تاشلىق كىتابلىرىدا خىتاينىڭ «بۆلۈنۈشى ۋە پارچىلىنىشى» دىن سۆز ئېچىشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال ئىكەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ھاكىمىيەتلەرمۇ ئىلگىرى 70 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرگەن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىمۇ بۇ يىل دەل شۇ 70 يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ھازىر ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى مەسىلىلىرى بارغانسېرى زورىيىپ مېڭىۋاتقانلىقتىن نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭمۇ ھالاك بولىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، دېگەن قاراش ئومۇملاشماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇڭا خىتايغا كومپارتىيەنىڭ يېتەكچىلىك قىلمىسا بولمايدىغانلىقىدەك بىر سەپسەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىيەت قىلماقتىكەن. 

دەرۋەقە، يېقىندا ئامېرىكانىڭ The Hill، يەنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دائىملىق ئوقۇيدىغان «خېل»، يەنى «دۆلەت مەجلىسى» ناملىق ژۇرنالدا «خىتاينىڭ بەختىيار كېلەچىكى-بىر سىستېما ۋە 6 دۆلەت» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان ۋە ئۇ ماقالىدىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆمرى مۇلاھىزە قىلىنغان ئىدى. 

مەزكۇر ماقالە 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ھازىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جوسېف بوسكو تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىدە تارىخى پاكىتلاردىن قارىغاندا ھەرقانداق كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرىنىڭ 70 يىل بولغانلىقىنى ۋە ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭمۇ دەل ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان مەزگىلگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى غەربنىڭ توغرا بولمىغان سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن 40 يىللىق ئۆمرىنى ئۇزارتىۋالغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاخىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى. دونالد ترامپ ۋە خوڭكوڭ بولسا ئۇنىڭ ھالاكىتىنىڭ قوڭغۇراق ساداسىدۇر».

ئاپتور مۇلاھىزىسىدە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ خىتايغا كەلتۈرۈۋاتقان زىيىنىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى، ئەگەر بۇ مۇشۇنداق داۋام قىلسا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىققا سېلىۋاتقان غايەت زور مەبلىغىنى شۇنداقلا «جۇڭگو ئارزۇسى» رامكىسى ئاستىدىكى پىلانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ بەختىيار ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن خىتاينى دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ئورناتقان ھالدا خوڭكوڭ، تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق 6 دۆلەتكە پارچىلاشنىڭ ئەڭ توغرا يول بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر بۇنداق كۆز قاراش بارغانسېرى ئومۇملاشماقتىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 19-سېنتەبىر كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قارار ماقۇللاپ، ناتسىزىم بىلەن كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئىككى تۈزۈمنى 20-ئەسىردە ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت كەلتۈرگەن تۈزۈم، دەپ بېكىتىش ھەققىدە بىر پارچە قارارنامە ماقۇللىغان. 

«زىمىستان» تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭمۇ كوممۇنىزمنى ئاساس قىلغان بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى لاگېرلارغا سولاپ جازالاۋاتقان بولسا، تارىختىمۇ نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭمۇ ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە كوممۇنىزم ۋە ناتسىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈزۈمنىڭ يىلتىزىنىڭ بىرلىكىنى ئىپادە قىلدى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭمۇ تارىختىن بېرى نۇرغۇن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي قاتارلىق خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك پاجىئەلەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.