ھىندىستان لاداق رايونىدا بىر نەپەر خىتاي ئەسكىرىنى تۇتقۇن قىلغان
ھىندىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن تېررىتورىيە ئىختىلاپىدىكى لاداق رايونىدا بىر نەپەر خىتاي ئەسكىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەنبە كۈنى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتتا بايات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان دائىرىلىرىدىن تۇتۇۋېلىنغان خىتاي ئەسكىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەسكىرى 8-يانۋار ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
ئۇلار بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىر نەپەر خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئەمەلىي كونترول سىزىقىنىڭ ھىندىستانغا تەۋە قىسمىدا تۇتۇلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ھادىسە ھىندىستان ۋە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئارىسىدا ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قورالسىز يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن ئاز دېگەندە 20 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان. ھالبۇكى خىتاي تەرەپ ئۆزى تەرەپتىن قانچە ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى يارىدار بولغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
كېيىن تەيۋەندىن چىقىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي تەرەپتىن ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئوفىتسېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 ئەسكەر چىقىم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ھىندىستان تەرەپ تۇتقۇن قىلغان خىتاي ئەسكىرىنىڭ قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇلمىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.