خىتاي كۆچمەنلىرى تەييار ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە باشقا ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈلمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.11.19
aral-shehirige-xitaydin-kelgen.kochmenlerge-teuuarlanghan-oyler-1.jpg خىتايلار كەڭ قوللىنىدىغان تىكتوك ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىيولاردا كۆرسىتىلگەن، خىتاي كۆچمەنلەرگە تەييارلانغان ئۆيلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرماقتا. 2020-يىلى مارت، ئارال شەھىرى.
Social Media

يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى بولغان فېيسبوكقا خىتايدىكى ئۈندىدار سالونىدا تارقالغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەقسىز تۇرالغۇ ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرى كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

مەزكۇر سىن فىلىملىرىنىڭ بىرىدە بىڭتۇەنننىڭ بىر خىتاي ئالاقىلەشكۈچى ئايال خادىمى بىلەن نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىمەكچى بولغان خىتايلارنىڭ تور سۆھبىتى ئاشكارىلانغان.

ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشمەكچى بولغان خىتاي كۆچمەن: ئاڭلىساق، ئەگەر بىز كۆچۈپ كەلسەك، يېڭى ئۆيگە كىرگەنلەر ئادەم بېشىغا 4000 يۈەندىن پۇل تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن، بۇ قانداق ئەھۋال؟

ئالاقىلەشكۈچى خىتاي خادىم: ياق، ئۇنداق ئىش يوق، بۇ پۇل سىلەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلى، ئۆيگە كۆچۈپ كىرسەڭلار ھەق ئېلىنمايدۇ.

خىتاي كۆچمەن: ئۇنداقتا، دېمەكچى بولغىنىڭىز، مەن بارغاندىن كېيىن شۇ يەردە تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟

خىتاي خادىم: مۇشۇ يەردە ياشىشىڭىز كېرەك. سىز كەلگەندىن كېيىن بۇ جايدا ئۇزۇن مۇددەت ياشىسىڭىزلا بولدى. بۇ يەردە بىزنىڭ يۇرتداشلاردىن كۆپ قىسمى بۇ ئۆيلەرگە كىرىپ بولدى، سىلەرنىڭ ئۇ يەردىكىلەردىنمۇ بار. ھازىر يەنە 40 نەچچە يۈرۈش ئۆي بار، ئۆيلەر ئاساسەن 3 ياتاق، بىر مېھمانخىسى ئۆيدىن تەركىب تاپقان. ھەجمى 90 كوۋدرات مېتىر كېلىدۇ، بېزىلىپ تەييار قىلىنغان، سافا قاتارلىق ئۆي سايمانلىرىمۇ بار. سىز كېلىپ ئولتۇراقلاشسىڭىزلا بولىدۇ.

خىتاي كۆچمەن: نوپۇس يۆتكىلىپ، كىملىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن رەسمىيەت تۈگەمدۇ؟ سىلەرنىڭ ياردەم پۇلۇڭلار قانداق بېرىلىدۇ؟ كارتىمىزغا ئۇرۇپ بېرىلەمدۇ؟

خىتاي خادىم: ياردەم پۇلىنى ھازىرچە ئالالمايسىز، ئاۋۋال ئۆي تەقسىم قىلىنىدۇ. كارانتىن ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۆيگە كۆچۈپ كىرسىڭىز بولىدۇ. سىز كېلىپ بارماق ئىزىڭىزنى بەرگەندىن كېيىن، كىملىكىڭىز شىنجاڭ كىملىكىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، ئاندىن ياردەم پۇلى كارتىسى بېجىرىپ بېرىلىدۇ.

ھالبۇكى، مەزكۇر فىلىمدا بىڭتۇەننىڭ بۇ ئالاقىلەشكۈچى خادىمى ئۆزىنى «خۇيزۇ» (تۇڭگان) دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەنگە: «خۇيزۇلار بۇ سىياسەتتىن بەخرىمەن بولالمايدۇ!» دەپ ئېنىق جاۋاب بەرگەن.

مەزكۇر سىن فىلىمىدە يەنە ھېلىقى خىتاي خادىم ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلارغا تەقسىم قىلىنىدىغان يەر كۆلىمى، بەھرىمەن بولىدىغان شارائىتلار ۋە كۆچمەنلەرگە قويۇلىدىغان شەرتلەر ھەققىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن: «بىكارلىق ئۆي تەقسىماتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر شۇكى، ھەر بىر ئائىلىدىن چوقۇم بىرەيلەننىڭ يېشى 18 دىن 35 ياشقا قەدەر بولۇشى كېرەك. 40 ياشتىن يۇقىرىلار بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. سىلەر كەلگەندىن كېيىن ھەر بىر خىزمەتچىگە 40 مو يەر تەقسىم قىلىنىدۇ، بۇ يەرلەر ئاق قالماسلىقى كېرەك، يەر تېرىغۇچىلارغا ھەر ئايدا 3000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرگە بىڭتۈەن تېرىقچىلىق ماشىنىلىرى ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئۇرۇق چېچىپ بېرىدۇ، ئالما كۆچىتى قويۇلغان مېۋىلىك باغلىرىمىزمۇ بار، پاختا ياكى باشقا زىرائەتلەرنى تېرىشنى خالىغانلارغا ئارزۇسى بويىچە يەر تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى بىللە كۆچۈرۈپ كەلگۈچىلەر 3-قەۋەتتىكى ئۈستىدە بالىخانىسى بار ئۆيلەرگە ئىلتىماس قىلسا، بالىخانىنى 4-قەۋەت قىلىپ پايدىلانسا بولىدۇ. ئۆيلەرنىڭ قىش پەسلىدە گاز بىلەن ئىسىنىش ئەسلىھەلىرىمۇ تەييار، ئۆي جاھازلىرى تولۇق، ھەتتا يوتقان-كۆرپىلەرگىچە تەييار.»

ئەمما سىن فىلىمىدە يۇقىرىقىدەك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان خىتايلارنىڭ بايانىدىن نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش، شىنجاڭ كىملىكى ئېلىشقا قارىتا يەنىلا قارار بېرەلمەيۋاتقانلىقى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن.

يېقىندا ئۈندىداردىن فېيسبۇكقا كۆچۈرۈلگەن يەنە بىر فىلىمدا يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن خورلۇق ئىچىدە ئۆتكەن كۆڭۈلسىز ھاياتى ھەققىدىكى سۆھبەتمۇ بېرىلگەن.

ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن تويلاشقان خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە باشقا ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇش ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيگەن.

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىدا 16-نويابىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يېقىندا ئاقسۇدا تاماملانغان 14 مىڭ 821 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆيلەرنىڭ تەقسىم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ «كەپە ئۆيلەر» دەپ ئاتالغان رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما خەۋەردە زىيارەت ئوبيېكتى كونا ئۆيى چىقىلىپ، بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلار بولماستىن، بەلكى خىتايلار بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر خەۋەردە ئۆزىنى ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى دەپ ئاتىۋالغان لى گېنشېڭ ئىسىملىك خىتاي كۆچمەن ئۆز خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ: «بىر ئائىلە كىشىلىرى 20 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەر ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر 76 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئېرىشتۇق، يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپلا بېزەشنى باشلىۋەتتۇق، ئەمدى ئىسسىق ئۆيىمىز بار بولدى،» دېگەن.

ھالبۇكى، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەشكىل قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2019-يىلدىن كېيىن ئاتالمىش «كەسپى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تۈگەتتى» دەپ خەۋەر بېرىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرى «كەپە ئۆيلەرنى رەتلەش» نامىدا چېقىۋېتىلىپ، ياكى كۆتۈرۈۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرى «قايتا تەقسىم قىلىش» نامىدا يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.