دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى: «خىتاي ھەقلىق دېگەن كىشىلەر ۋىجدانسىزدۇر، ئۇلار تۈرك مىللىتىگە مەنسۇپ ئەمەس»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-01-12
Share
دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى: «خىتاي ھەقلىق دېگەن كىشىلەر ۋىجدانسىزدۇر، ئۇلار تۈرك مىللىتىگە مەنسۇپ ئەمەس» تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Photo: RFA

بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە بەزى پارتىيە ۋە گۇرۇھلارلا كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە ئىدى. ھازىر تۈركىيەدىكى بارلىق پارتىيەلەر كۆڭۈل بۆلۈدىغان، باياناتلىرىدا ئورۇن بېرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى 10-يانۋار كۈنى «قانال 24 تېلېۋىزىيەسى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توغرىسىدا توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسسىلىسىدە خىتاينى ھەقلىق دەپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تۈركىيەدە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم ئاشكارىلانغان تۇرۇقلۇق، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھەقسىز، خىتاينى ھەقلىق دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتت ۋىجدانسىزلاردۇر، ئۇلار تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسىمۇ بولالمايدۇ.»

تۈركىيەدىكى سابىق «ئىشچىلار پارتىيەسى»، ھازىرقى «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان داۋاملىق ھالدا تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىپ، خىتاينى ئاقلاپ ئۇيغۇرلار قارىلىماقتا. ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ يوقلىقى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان زۇلۇملارنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينى ئاقلاپ قىلغان سۆزلىرى تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىرى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گۈلتېكىن ئۇيسال ئەپەندى «قانال 42 تېلېۋىزىيەسى» دە بۇ ھەقتا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «دوغۇ پەرىنچەكنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېررورچى دېيىش پۈتۈنلەي سەپسەتىدىن ئىبارەت. سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇغا سىز ئارقىلىق سالام يوللايمەن ۋە ئۇنى تەبرىكلەيمەن. ئۇ ھۆكۈمەتتىن: ‹سىلەر دوغۇ پەرىنچەك تەرەپتە تۇرامسىلەر ياكى شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىمۇ؟› دەپ سورىدى. مەن شۇنى قايتا تەكىتلىمەكچىمەنكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان زالىم خىتاينى ھەقلىق دېگەن ئادەم تۈرك مىللىتىگە تەۋە بولالمايدۇ.»

دېموكرات پارتىيەسى 1946-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنى 10 يىل ئىدارە قىلغان، 1954-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى 1850 كىشىنى كەشمىردىن تۈركىيەگە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان پارتىيەدۇر. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى قانداق بولسا بولسۇن، بۇ كىشىنىڭ بۇنداق بايانات بېرىشى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مىللىي دەۋاغا ئايلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى،» دەپ كۆرسەتتى.

تۈركىيەدە بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق جەھەتتىن ھېسسىداشلىق قىلسا، بەزى كىشىلەر ئۇممەت نۇقتىئىينەزەرىدىن ھېسسىداشلىق قىلىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا ئىنسانىي جەھەتتىن ھېسسىداشلىق قىلىدۇ. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۈرك خەلقىنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارىشى كېرەك؟

كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى ئادىل ئەرئۇيغۇر ئەپەندى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈرك خەلقى بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئايرىپ قاراش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئادىل ئەرئۇيغۇر ئەپەندى تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر خەلقىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، سەزگۈرلىكى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا زىت بىر ئىش قىلىشقا ئالدىراپ جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بۇرۇن پەقەتلا بەزى مىللەتچى پارتىيەلەر پىكىر بايان قىلاتتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەدىن سىرت، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ۋە دەۋا پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرمۇ خىتاينى ئەيىبلەشكە باشلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت