فرانسىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خەلقئارالىق ماركىلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.04.12
فرانسىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خەلقئارالىق ماركىلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغان شىركەتلەرگە قارشى سوتقا سۇنغان ئەرز ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى. 2021-يىلى 12-ئاپرېل، پارىژ.
Rafa’il Gilukismen teminligen

يېقىندىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر كونكىرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە فىرانسىيەدە ئۈچ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ، خەلقئارالىق تۆت چوڭ ماركىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنغان.

12-ئاپرىل چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى-شېرپا (Sherpa) «پاكىز كىيىم-كېچەك ھەرىكىتى» نىڭ فىرانسىيە تارمىقى بولغان «ئەخلاق ئاممىۋى تەشكىلاتى» (Ethique NGO) ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيەدە كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن ۋە بۇ ئەرزنى ئۈستىگە ئالغان فىرانسىيەلىك داڭلىق ئادۋوكات ۋىلىيام بۇغدوڭ قاتارلىقلار قاتناشقان.

پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان يىغىندا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەرز ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ دۇنيادا، بولۇپمۇ فىرانسىيەدە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىكنىڭ ھەل قىلغۇچ قەدىمى. بىر يىلدىن بۇيان نەچچە يۈز مىڭلىغان فىرانسىيە پۇقراسى ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ماركىلاردىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قۇل ئەمگىكىگە سالىدىغان جىنايەتكە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قاتنىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتدۇ.»

يىغىندىن كېيىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە ئادۋوكات ۋىلىيام بۇغدوڭنىڭ ياردەمچىسى باسىلە ئودىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

دىلنۇر رەيھان خانىم قىلىنغان بۇ ئەرزنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان ماركىلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

باسىلە ئودىت ئەپەندى ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىنكى قانۇنىي تەرتىپلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەرزىمىزنى مەھكىمىگە بەردۇق. ئەمدى مەھكىمەنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دەلىل-ئىسپاتلار تولۇقلانغاندا بىز ئەرز قىلغان شىركەتلەرنى جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە چاقىرىدۇ. بىز تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلارنى ئەرزىمىزدىكى شىركەتلەر ھەققىدە ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شۇ ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملازشتۇرۇشىغا بېسىم قىلغىلى بولىدۇ. يەنى بىز بۇ ئىشىنىڭ پېيىدا بولىمىز.»

بۇ ئەرزنامىنى سۇنغانلارنىڭ قاتارىدا خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى لاگېر ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىممۇ بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئەرزدىمۇ ئۇ لاگېر ئېچى ۋە سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

دىلنۇر رەيھان خانىم شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن سۇنۇلغان بۇ ئەرزنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئەمدى فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باسىلە ئودىت ئەپەندى فىرانسىيەدە بۇ ھەقتە بىر ئەرزنىڭ سۇنۇلۇشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، شۇنداقلا فىرانسىيە قانۇنى بويىچە فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇ دېلونى قولغا ئېلىشىنىڭ ئۆزىنى «تۇنجى غەلبە» دەپ ئاتىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ تۇنجى غەلبە، چۈنكى بۇ شۇ شىركەتلەرگە ‹بىز سىلەرنى نازارەت قىلىۋاتىمىز، ھەقىقەتنى كۆرۈپ، خىتاي بىلەن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەرىكىتىڭلارنى توختاتمىساڭلار، بىز سىلەرنىڭ پېشىڭلارنى قويۇپ بەرمەيمىز» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ.»

ئەرزنامىدە مۇنداق مەزمۇنلار يەر ئالغان: «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئاشكارىلانغان دوكلاتلار ۋە شاھىتلار بەرگەن گۇۋاھلىقلاردا دېيىلگەن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان باستۇرۇشلار نەزەرگە ئېلىنغاندا، خەلقئارالىق شىركەتلەر فىرانسىيە زېمىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن چوقۇم فىرانسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»

ئاخىرىدا دىلنۇر رەيھان خانىم مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھېچقانداق بىر ماركىنى ساق قويمايمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز باشتا ئۇلارغا خاتالىقىنى تونۇش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ھەققىدە پۇرسەت بېرىش. فىرانسىيەدە بىز بۇ ئەرزنامىنى باشلىدۇق، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنىي تەرتىپلەر يېقىندا باشلىنىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.