شىنجاڭ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان مۇستەملىكە بولۇپ قالدى؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-09-13
Share
darren-byler-derrin-bayler.jpg ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئەپەندى MIT دا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى ئاپرېل.
Social Media

يېقىندا SupChina تورىدا تەتقىقاتچى دەررېن بايلىرنىڭ «شىنجاڭ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان مۇستەملىكە بولۇپ قالدى؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى مۇستەملىكە تارىخى پاكىتلىق بايانلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىكى بايلىق تارتىۋېلىش، ھاكىممۇتلەق سىياسەت يۈرگۈزۈش، كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش قاتارلىق تىپىك 3 ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «دۆلەت ئېھتىياجى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىش»، بانكا ۋە مەكتەپلەرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك (ھاشار) تۈزۈمى يولغا قويۇش دېگەندەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك خەلقنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئۇلارنى ئۆز يېرى، بايلىقى ۋە مائارىپ ئاساسىدىن ئايرىۋەتكەن بولۇپ، بۇلار خىتاينىڭ مۇستەملىكى ماھىيىتىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دىن ئەنسىرەپ، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرسا، بىر ياقتىن مۇستەملىچىكىلىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. جياڭ زېمىن ئوتتۇرىغا قويغان «غەربىي-شىمالنى ئېچىش» سىياسىتى بولسۇن ياكى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بولسۇن، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ رايوننى تالان-تاراج قىلىش ۋە تولۇق مۇستەملىكە قىلىشنى نىشان قىلغان.

خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹بىر بەلۋاغ بىر يول› تەشەببۇسىنىڭ بىر يول قىسمى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدۇر. بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى خىتاينىڭ شىنجاڭنى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان بۇ رايوننى كونترول قىلىشىغا باغلىق. قارايدىغان بولسىڭىز، خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە باشقا مەقسەتلەرنىڭ كېرىكى يوق، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولالايدۇ».

«يەر شارى سىياسىتى» ئاقىللار مەركىزىدىن دوكتور ئەزىم ئىبراھىم خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى دۇنياغا ھاكىم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى دۇنياغا بىرلا خىتاي كىملىكى ۋە خىتاي ئەندىزىسىنى ئېكسپورت قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى، ئۇلار خىتايچىنى خەلقئارا تىلغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇردى ۋە خىتايچىنى چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك پروگراممىسغا كىرگۈزدى. دۇنياغا پەقەت خىتايچىنى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ۋەكىللىك قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا تىرىشتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر نىشانى ئەلۋەتتە ئۆزىنى بازارغا سېلىش، يەنى خەلقئاراغا ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئېسكپورت قىلىش».

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئېچىش باھانىسىدە تۆمۈر يول، تاشيول، ئايرودروم، زور كۆلەملىك زاۋۇت، مەكتەپ ياكى لاگېر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا يەرلىك خەلقتىن تارتىۋالغان زېمىن، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق ئىكەن؛ خىتاي بىر ياقتىن زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ئىچكىرىدىن كېلىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلەرنى كۆپەيتسە، بىر ياقتىن ئۇلارغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىپ، شەھەرلەرگە ماكانلاشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا نەچچە ئون مىليارد ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، بۇ جايلاردا ماكانلىشىپ قالغان خىتايلارنى كان، زاۋۇت ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قويغان. ماقالىدە بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان رايون بولۇپ قالغان. خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ سانى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭدىن قالسىلا 4-ئورۇنغا تىزىلغان. 1990-يىلدىن 2000-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى، بولۇپمۇ شىمالدىكى خىتايلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان.

ئەزىم ئىبراھىم «بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇ سىياسەتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پىلانلىغان بىر ھەرىكەت. سىزمۇ بىلىسىز، ئىلگىرىكى خىتاي رەھبەرلىرى بۇنداق ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يولغا قويمىغان، بۇنى پەقەت شى جىنپىڭنى مەركەز قىلغان خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى بىر قوللۇق پىلانلىدى ۋە ئىجرا قىلدى».

گوردون چاڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەملىكىچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتنى ئىجرا قىلىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبرەت ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى: «خىتاي ھۆكۈمدارى شى جىنپىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ موسكوۋانىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، خىتايدىكى ئىرقچىلىق ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدايدىغان ئامىلدىن بەكرەك، شى جىنپىڭنىڭ ئاساسلىق غەرىزىدەك كۆرۈنمەكتە».

خىتاي ھۆكۈمىتى 90-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ھوقۇق مەركەزلەشكەن، سانائەتلەشكەن يېزا ئىگىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، ھەر قايسى ناھىيىلەردە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت «بەشتە بىر تۇتاش» سىياسىتى يولغا قويۇپ، يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، سۇغىرىش، ھوسۇل يىغىش ھوقۇقىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان؛ دېھقانلار ئۇرۇق، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، يالتىراق (سۇلياۋ يوپۇق) قاتارلىقلارنى ھۆكۈمەت باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشقا، ئالغان ھوسۇلىنىمۇ ھۆكۈمەت باھاسى بويىچە سېتىشقا مەجبۇر بولغان. ئاقىۋەتتە بۇ ناھىيەلەردىكى زور كۆلەملىك تېرىلغۇ يەرلەر شۇ جايدىكى ئاز سانلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان، دېھقانلار ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان مەدىكار قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇنىڭغا كۆنمىگەن دېھقانلار ياكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئەتراپتىكى كىچىك شەھەر-بازار ياكى ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇششاق تىجارەت قىلغان ياكى ئىشلەمچى بولغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلار چوڭ شەھەرلەردىكى خىتايلار ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان ۋە ھەر قېتىملىق باستۇرۇش شامىلىدا ئەڭ بۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەمدە بۇ شەھەرلەردىن قوغلانغان.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ يېرى، مال-مۈلكى ۋە ھوقۇقىنى سىستېمىلىق ئۇسۇلدا تارتىۋېلىپ بارغانلىقىنى ئادەم ئىشلىتىشتىكى مىللىي كەمسىتىش، يېزىلاردا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئىقتىساد ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ خىتايلارنى ئاساس قىلغان شەھەرلەرگە زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشى، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ نوپۇسلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنىڭ چەكلىنىشى، يېزىلاردىكى ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئاساسىي مائارىپقا يېتەرلىك مەبلەغ سېلىنماسلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارغا يىغىنچاقلىغان. جەمېس مىلۋارد ئەپەندى بۇنى «خىتاينىڭ بۇ رايوندا مۇقىملىشىپ، ئۇيغۇرلارنى سىقىپ چىقىرىدىغان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى» دەپ ئاتىغان.

گوردون چاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقىتىش پىلانىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدا پەقەت خىتاي مىللىتىلا ياشايدۇ دەپ قارار بەرسە، باشقىلارنى شاللىۋېتىش مۇقەررەر ئىشقا ئايلىنىدۇ».

21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونى تىپىك مۇستەملىكە رايونىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە خام ئەشيا تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازا بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا ۋە پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ ئىچكى ئېھتىياجىدىن ئېشىپ، چەت ئەللەرگە ئېسكپورت قىلىنىشقا باشلىغان. خىتايغا زور پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئايلانما ئىقتىساد خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلانغان ئۇيغۇرلار بىڭتۇەن مەيدانلىرىدا پاختا تېرىدىغان مەدىكارلارغا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، بىر ياقتىن ئۇلارنى يوقىتىشنى ياكى تامامەن ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلسا، بىر ياقتىن ئۇلارنى قۇل ئىشچىلارغا ئايلاندۇرغان.

دوكتور ئەزىم ئىبراھىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر خىتاي مىللەتچىلىكى سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، بۇرۇنقى مىللەتلەر سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە يۈرگۈزۈپ كەلگەن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. شى جىنپىڭ خىتايغا بىرلا خىتاي مىللىتى ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك دەيدىغان مىللەتچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئورۇن بەرمەيدۇ، سىز مەيلى كىم بولۇڭ، خرىستىيان بولۇڭ ياكى باشقىسى بولۇڭ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنداق كۆپ ئايرىم سالاھىيەتنى سىغدۇرمايدۇ. شۇڭا مەنچە، خىتاي كومپارتىيەسى كۆپ خىللىقنى ئەمەس، بىر خىللىقنى قوغلىشىپ، ئۆزىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن ۋاز كەچتى».

ماقالىدە ئېيتىلغىنىدەك، خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ئەڭ باشتا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ياشاۋاتقان زېمىننى ھۆكۈمەت نامىدا ئىگىلەش، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تارايتىش بىلەن باشلانغان، ئۇلارنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئارقىدىنلا ئۇلارنى بانكا، مائارىپ، سەھىيە ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقارغان؛ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئولتۇراق جايلىرىنى ئىگىلىگەن. خىتاي يەنە ئۇلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپلا قالماي، ئانا تىل مائارىپىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن بولۇپ، بۇنداق قەبىھ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت