خىتاي قاچانغىچە دۇنيادىن ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.01.24
memet-qadir-quzzat-altay.jpg رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىنىسى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاينىڭ دادىسى مەمەت قادىر ئەپەندىنىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تارقاتقان ۋىدېيودا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى يانۋار.
Social Media

مەلۇمكى، ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، ئۇلارغا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان مىللەتلىرىنى قاماۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر-ماقالىلەر دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا توختىماي ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەھۋال شۇ قەدەر مەرەككەپلەشكەنكى، خىتاي ئىچىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلار ھەققىدە ئۈزلۈكسىز گۇۋاھلىق بېرىشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق ھېلىگەرلىكلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالىلاردىنمۇ بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

يېقىندا «فېيسبۇك»، «ۋاتسئاپ» قاتارلىق ئىجتىماىي تاراتقۇلاردا رابىيە قادىر خانىمنىڭ جىيەنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاينىڭ دادىسى مەمەت قادىرنىڭ سۆزلىگەن ۋىدېيوسىغا قىلغان جاۋابى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇنداق تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى قاتتىق غەزەپلەندۈرمەكتە. 

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىبلەشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ژۇرنالىستلاردىنمۇ پايدىلانماقتىكەن. يېقىندا «ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «‹ساتقۇن› ئۆزبېك ژۇرنالىستلىرى» ناملىق ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر تەرەپلىمىلىك باستۇرۇش سىياسىتى يورۇتۇلغان. ماقالىدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۆزبېك ژۇرنالىستلىرىغىمۇ يەتكەنلىكى، ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس سەپەرلەرنىڭمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرى توغرىلىق ئۆزىنىڭ ھاياجان تەسىراتلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان ئۆزبېك ژۇرنالىستى مۇھەممەدجان ئابىدوف ‹غەرب جامائەتچىلىكى بۇ مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە ياندىشىۋاتقان ۋە بۇ مەسىلىنى، يۇمشاق ئېيتقاندا، ئوبيېكتىۋسىز يورۇتىۋاتقان غەرب ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانماسلىقى كېرەك› دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ‹تىنچلىق بولغان يەردە تەرەققىيات بار. بۇ خىتاينىڭ تىنچلىقنى تەمىنلەش ئۈچۈن تاللىغىنى›، -دەپ تەكىتلىدى ئۆزبېك ژۇرنالىستى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاممىۋىي تەقىبلەشلىرىنى قوللاپ.»

خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا دۆلەتنىڭ ئىچكىي رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىمۇ دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. 

شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان SARS تىپىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ باشقا رايونلارغا تارىلىشى بولۇپ، بۇ مەسىلە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. 

«زاكون قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتايغا كۆچۈپ بارغان قازاقىستانلىق ئايال ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئەلدە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر بۇ كېسەل 440 ئادەمگە يۇققان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئاھالىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتىكەن. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ھەقتە سۈكۈت ساقلىماقتىكەن. 

خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ خىتاي قاچانغىچە دۇنيادىن ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ؟

ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايىتى پاكىتلىق ھالدا دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ بولغان ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ، ھەقىقەتنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق قۇۋلۇق-شۇملۇقلارغا بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ھېچ قانداق نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىغا ئۆزىنىڭمۇ گۇۋاھچى بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، قېينىئانام پەقەت ھەجگە بارغانلىقى ئۈچۈن ياكى مىسىرغا بېرىپ، قىزىنى ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 19 يىلغا سوتلىنىپ كەتتى. ئايالىممۇ ۋە باشقىلارمۇ شۇلارنىڭ گۇۋاھچىسى. خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى 70 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى تۇرسۇن ئارزىيېف ئەپەندى كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنياغا تۈگەل پاش بولۇشتىن چۆچۈگەن خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا ھەممىسى ۋەتەندىكى بار تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى دۇنياغا تونۇتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي قورقۇپ، ئىگە چىققانلارنىڭ ئامان قالغانلىرى بار ئىكەن. خىتاي بۇرۇندىن پۈتكۈل دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتاتتى. ھازىر خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ يەرلىرىنى ئىگىلەپ كەتتى. ئىگە چىققانلارنى ساقلاپ قالدۇق. ئىگە چىقمىغانلار يوقاپ كەتتى.»

تۇرسۇن ئارزىيېف يەنە خىتاينىڭ بۈگۈنكى ۋەھشىلىكىگە پەقەت بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق شاىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خەلقى ۋە قازاق، قىرغىز قېرىنداشلار تۈرمىدە يېتىپ تۇرۇپ، شۇلارنىڭ تايىغىنى يەپ تۇرۇپ، كوممۇنىست جاللاتلارنىڭ ياۋۇزلىقىنى دۇنياغا يېيىۋەتتى. سىلەرنى ئازاد قىلىپلا، چىقىپ كېتىمىز دەپ ئالداپ كىرگەنلەر چىقىپ كېتىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇ يەرنىڭ خوجايىنى بولماقچى. خىتاينىڭ مەقسىتى بىزنى يوقىتىۋېتىش.» 

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف شى جىنپىڭ باشلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا بەك غالجىرلاشقانلىقىنى، بۇ تۈزۈمگە مۇتلەق ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، پۈتكۈل ھاياتى داۋامىدا مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى كۆرگەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئاللىقاچان كۆزى يېتىپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدامچى، ئەڭ ئىغۋاچى دۆلەت بولۇپ، ئۇ ھازىر پۈتكۈل دۇنيا ئالدىدا ئىككىيۈزلۈك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى خىتاينىڭ سىياسىتىنى دۇنياغا پاش قىلغان گۇۋاھلىق بېرىش. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈزلىگەن ياشلار ھەقىقىي پاكىتلارنى دۇنياغا پاش قىلىۋېدى، خىتاي ئۇ ياقتىكى تۇغقانلىرىنى ۋىدېيو ئارقىلىق سۆزلىتىۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق خىتاي، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرنى، ئىككىنچىدىن، دۇنيانى ئالدىماقچى. مەقسىتى-دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرنى قوللاش ھەرىكىتىنى توختىتىش. يېقىندا خىتاي ئىمزا قويغان ئىقتىسادىي كېلىشىمنىڭ ئۆزى چېكىنىش ئارقىلىق ئالداشتۇر.»

قەھرىمان غوجامبەردى خىتايغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ، خىتاينىڭ ھەقىقىي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ھۆججەتلىك پاش قىلىشنىڭ، خىتاي سىياسىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ھۇجۇمنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا خىتاينىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.