خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «ساختا شىنجاڭ» نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «ھەقىقىي شىنجاڭ» نىڭ ئاشكارىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، ئۆزى ئۈچۈن «مەنپەئەتداش» بولغان ئاخبارات ساھەسى، دىپلوماتلار ۋە ساياھەت ئۆمەكلىرىنى نىشان قىلغان بىر يۈرۈش «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق تەشۋىقات دولقۇنى نۆۋەتتە، «ساختا شىنجاڭ» ۋە خىتاينىڭ بۈگۈڭىچە داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ئاسارىتىدىكى «ھەقىقىي شىنجاڭ» توغرىسىدىكى پەرقلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان بۇ بىر تۈركۈم «ئالاھىدە ساياھەت» ئۆمەكلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چېلىپ، «ئامېرىكا ۋە غەرب تاراتقۇلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ مەۋجۇت ئەمەس» لىكىگە ئوخشاش سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋەھالەنكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ بىر يۈرۈش تەشۋىقاتلىرىدىكى «ساختا شىنجاڭ» نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «ھەقىقىي شىنجاڭ» نىڭ ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ماجۈ خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا تارقىتىۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماجۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا سۈنئىي ياسالغان «داستان-مەسەل» لەر ھېچبىر ۋاقىت تارىخ بېتىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى دۇنيا ئوچۇق-ئاشكارا ھالەتتىكى ئەركىن ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ھەر خىل تەشۋىقات تاكتىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي ۋە قەبىھ سىياسەتلىرىنى، جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا، ھەتتا ئۇنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي دۆلىتىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى كۆز-بويامچىلىقلىرى چېكىگە يەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ساختا قىلمىشلىرى دۇنيا خەلقىنى تېخىمۇ نەپرەتلەندۈرىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارىلاۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتايغا ‹ھەمدەمدە› بولۇۋاتقانلار ئاساسەن، ئۆز دۆلىتىدىكى بىر قىسىم پۇقرالار ۋە ياكى بەزى مىللەتچىلەردۇر. شۇنداقلا يەنە، مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، ھەتتا غەرب دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىكىنى ئۆچ كۆرىدىغانلاردىن ئىبارەت. ۋەھالەنكى، مەن بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ناچار تارىخىي قىلمىشلىرىنى ئېنىق چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى «تاللاپ» تەشكىللىگەن «ئالاھىدە ساياھەت» ئۆمەكلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سۈنئىي ياراتقان «ساختا شىنجاڭ» ھېكايىسىنىڭ ھەرگىزمۇ «ھەقىقىي شىنجاڭ» نى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىگە مەلۇم دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن دوستانە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى، مۇخبىرلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنى يوشۇرۇپ پەردازلاپ كۆرسىتىپ، «ساختا شىنجاڭ» كارتىنىسىنى ئەۋجىگە چىقىرىپ كەلمەكتە. ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارنىمۇ ئۇلارغا «نەپ بېرىش» ۋە ياكى «تەھدىت-بېسىم» ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنىغا شېرىك قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

ۋەھالەنكى، ئالبان مىللىتىدىن بولغان كانادالىق تارىخشۇناس ۋە ژۇرنالىست ئولسى يازىجى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ جايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئاشكارىلىغان ھەمدە خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئائىت تارقالغان خەۋەرلەرنى «غەربنىڭ يالغانچىلىقى» دەپ بۇرمىلىغانلىقىنىمۇ پاش قىلغانىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا قاراتقان بۇ خىلدىكى چېكىدىن ئاشقان كونتروللۇقىنىڭ، بولۇپمۇ بىر قىسىم مۇخبىرلارغا قوللىنىۋاتقان تەھدىتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان «بەختىيار ئۇيغۇر» ھېكايىسى تەشۋىقاتىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كۈرەشتە ئىنسانلارنىڭ ھامان «ھەقىقىي شىنجاڭ» نى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ماجۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك «مەنپەئەتى» گە ئېرىشكەن ۋە ياكى «سۈكۈت قىلىش» نى تاللىغان بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، چەتئەللىك مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاينىڭ «ساختا شىنجاڭ» يارىتىشىغا بۇندىن كېيىنمۇ بىرلىكتە ئاۋاز قوشۇپ، خىتاينىڭ چاپىنىنى يېپىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرالمايدىغان «ھەقىقىي شىنجاڭ» نى ئېنىق كۆرىدىغانلارنىڭ يولىنى خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ توسالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر دەرۋەقە بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. ئەمما بۇ يەردە خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى راستىنىلا ئاقلىيالامدۇ دېگەن مەسىلە بار. مېنىڭچە، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. چۈنكى، شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم-تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ھەقىقىي پاكىتلار ئارقىلىق، ھەقىقىي ھېكايىلىرىمىزنى دۇنياغا ئاڭلاتساقلا، ئۇ بىزنى توسالمايدۇ ۋە توسۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى ھەقىقەت ھامان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.»

ھالبۇكى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مەزگىلدە، 13-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە 3 كۈن داۋام قىلغان «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تىل-مەدەنىيەت قاتارلىقلار ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا تامامەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تەكرارلىغانىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى بۇ «ساختا شىنجاڭ» بىلەن «ھەقىقىي شىنجاڭ» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ھامان تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئاشكارىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك ئۈنۈم ۋە نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىكەن.