ئافرىقا دۆلەتلىرى خىتايغا نارازىلىق مەكتۇپى يوللاپ، كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.04.14
afriqa-elchiliri-xitaygha-xet.jpg ئافرىقالىق ئەلچىلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يازغان خېتى توغرىلىق ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 13-ئاپرېل.
france24.com

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشايدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ دۇكانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، كوچىلاردا ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان.

بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئىنكاس يوللىغان بىر قىسىم چەتئەللىكلەر خىتايلارنىڭ ھازىر چەتئەللىكلەرنى «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى» دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھەممە يەردىن قوغلاۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە خەۋەرلەردە خىتايلارنىڭ قارا تەنلىكلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئۆيلىرىدە ياكى باشقا جايلاردا مەجبۇرىي كارانتىنغا ئالغانلىقى، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىجارە ئۆيلىرىدىن قوغلىنىش، مېھمانخانىلاردا يەر بېرىلمەسلىك تۈپەيلى كوچىلاردا تۈنەشكە مەجبۇر بولۇشتەك ئەھۋاللارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقى كەڭ ئاشكارىلىنىپ زور ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ خەۋەرلەر ھەرقايسى ئافرىقا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. بېيجىڭدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئەلچىلىرى ئورتاق نارازىلىق مەكتۇپى يېزىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىلىرىنى چاقىرتىش ئارقىلىق يۈز بەرگەن يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگەللىشىچە، 10-ئاپرېل كۈنى كۈنى ئافرىقالىق ئەلچىلەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا يازغان مەكتۇپىدا تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن: «ئافرىقا باش ئەلچىلەر گۇرۇپپىسى ئافرىقالىقلارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كەمسىتىش ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قوپال ئۇسۇلدا يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە يادرو كىسلاتاسى سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلار گەرچە ئولتۇراق رايوندىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان، ھېچقانداق يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغان تۇرۇقلۇق 14 كۈن مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى كۆردۇق.»

ئافرىقالىق ئەلچىلەر مەكتۇپىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئافرىقالىقنىڭ خىتاينىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىغا ئائىت بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شۇڭا بىز پەقەتلا ئافرىقالىقلارنى تاللاپ تۇرۇپ مەجبۇرىي سىناق ۋە كارانتىن قىلىشنىڭ ئىلمىي ياكى لوگىكىلىق ئاساسى يوق، دەپ قارايمىز. بۇ خىتايدىكى ئافرىقالىقلارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق،» دەپ ئەسكەرتكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتايدا كەمسىتىش ھادىسىسىنىڭ ئەزەلدىن ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «خىتايدا چەتئەللىكلەرنى، بولۇپمۇ ئافرىقالىق قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتىدىغان ئەھۋال ئەزەلدىن ئېغىر ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە داۋاملىق زىددىيەتلىك پوزىتسىيە ئىچىدە بولۇپ كەلگەن. چۈنكى ئۇلار ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالايدۇ، بىراق ئۆز ئىچىدە بولسا ئافرىقالىقلارنى كەمسىتىدۇ. ئافرىقالىقلارنى كەمسىتىپ ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن توقۇنۇش كېلىپ چىققان، بىراق بۇ قېتىم كۆلىمى بەك زور ۋە بەك ئاشكارا بولغانلىقتىن ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى،» دېدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغاندا ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇملىنىش دولقۇنى ۋەقەلىرىدە كۆپىنچە ۋىرۇس يۇقۇملانغۇچىلرىنىڭ چەتئەللەردىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشىمۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان ئىكەن.

ئافرىقالىق ئەلچىلەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا يازغان خېتىدە يەنە كەمسىتىش ۋەقەلىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن مىسال بېرىپ، تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «ئافرىقالىقلار يېرىم كېچىدە مېھمانخانىلاردىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئافرىقالىق ئوقۇغۇچىلارغىلا تاجسىمان ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى قىلىنغان، خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئافرىقالىقلار ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ۋە يالغۇز مېھمانخانىلاردا كارانتىن قىلىنغان، پاسپورتنىڭ تۇتۇپ قېلىنىش، ۋىزاسىنى بىكار قىلىش، قولغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتەك تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان. بىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئافرىقالىقلارغا ۋە پۈتكۈل خىتايدىكى ئافرىقالىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىنى دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى مەكتۇپتىن باشقا يەنە ئۇگاندا، كېنىيە، گانا ۋە نىگېرىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ھەممىسى شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكادىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتايدا ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇتلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنى خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتاي شوۋىنىستىك ئىدىيەسىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، قارا تەنلىكلەرگە قارىتىلغان كەمسىتىش ۋەقەلىرىگە ئامېرىكالىق ئافرىقالىقلارمۇ ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تور بېتىدە بىر پارچە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇلار ئۇقتۇرۇشىدا «بىر قىسىم ئافرىقالىق ئامېرىكالىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مېھمانخانا ۋە باشقا ئىش يەرلىرىگە ئېلىنمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بىز ئافرىقالىق ئامېرىكالىقلارغا ۋاقتىنچە گۇاڭجۇ شەھەر مەركەزلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز،» دېگەن.

بىراق خىتاي تەرەپ بولسا بۇنى قەتئىي رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 13-ئاپرېل كۈنىدىكى باياناتىدا «خىتايدا ئافرىقالىق قېرىنداشلىرىمىزنى كەمسىتىش ھەرىكەتلىرى يوق. ئامېرىكانىڭ زىددىيەت تېرىماقچى بولۇشى مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق. ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئافرىقا ئارىسىدا بۆلۈنۈش سېلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، تىۋىتتېر تورىدا خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزىگە نۇرغۇن ئافرىقالىقلاردىن ئىنكاس كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىنىڭ بىر پاكىتلىقىنى مىساللىرى بىلەن كۆرسەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىپ، يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.