خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەشۋىقاتىغا سېلىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.06.21
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەشۋىقاتىغا سېلىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى «خىتاي كومپارتيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتى» گە قاتناشتۇرۇلۇپ خىتاي كومپارتيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان قىزىل ناخشا ئېيتقۇزۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ بىرى. 2021-يىلى ئىيۇن.
Social Media

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىقى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئاۋامدىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا قاتارلىق يەتتە دۆلەت «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى» دەپ جاكارلاپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تا جاۋابارلىقى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان چەت ئەللەردىكى خىتايغا ماھىل بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن ئۈندىدار، تىك-توك، ئىنستىگىرام قاتارلىقلاردا ئۆز كىملىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينى مەدھىيەلەيدىغان تەشۋىقاتلارنى باشلىغان.

بۇ خىل كىشىلەر ئۆز تەشۋىقاتىدا بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى مەدھىيەلەپ: «ئۇيغۇرلار خىتايدا بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن تەشۋىقاتىنى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە بولغان.

يېقىندا تىك-توك تورىدا تارقالغان بىر سىن فىلىمىدە، نۆۋەتتە كورىيەدە ياشاۋاتقان مەردان ئىسىملىك بىر ھۆسۈن تۈزەش دوختۇرىنىڭ كورىيەدە تۇغۇلۇپ ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن قىزىنى كورىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان «خىتاي كومپارتيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتى» گە قاتناشتۇرغانلىقى ھەمدە خىتاي كومپارتيەسىنى مەدھىلەيدىغان قىزىل ناخشا ئېيتقۇزغانلىقى ئاشكارىلاندى.

كورىيەدىكى مەردان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە تارقالغان يەنە باشقا سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بۇ ئائىلىنىڭ كورىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقى، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ سىن فىلىملىرىدا يەنە ئۇلارنىڭ كورىيەدە تۇغۇلغان ئىككى قىزىنى، خىتاينىڭ «جوڭخۇا بىرلىكى» ۋە «خىتاي كىملىكى» تەربىيەسىدە يېتىلدۈرۈپ، ئىجتىمائى ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قىزلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق «خىتايدا ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

بىز توردا ئاشكارىلانغان بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن نۆۋەتتە كورىيەدە ياشاۋاتقان مەردان ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر دوختۇرغا تېلېفون قىلدۇق.

ئەمما ئۇ تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق زىيارەتنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

يېقىندا تىك-توكتا تارقالغان يەنە بىر سىن فىلىمىدە نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئەكبەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل ۋە باشقا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى مەدھىيەلەپ، خىتايچە تەشۋىقاتنى بازارغا سالغانلىقى، ئۆزى گەرچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ھەر ۋاقىت «خىتاي پۇقراسى» دەپ قارايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجتىمائى ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە فېيسبۇكتا بايانات بېرىپ، ئۆزىنى ئەلۋەتتە «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر» دەپ بىلىدىغانلىقى، ئەمما ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئېھتىياجى ئۈچۈن خىتاي تىلىدىكى تىك-توك تورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيەلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىغان.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەپۇ سورىشىغا قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى «خىتايپەرەسلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەت ئەللەردىكى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ، خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەشتەك قىلمىشلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر ئىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى يەنىلا مىلللەت مەنپەئەتىنى سېتىش ھىسابىغا ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى قاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زۇبەيرە خانىم يەنە بۇ خىل خىتايغا ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ چەت ئەللەردە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىغا قاتناشمايلا قالماستىن، ھەتتا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش، خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە ئاشكارا توسقۇنلۇق قىلىش، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قارىلاش قاتارلىق ھەركەتلەرىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خالىدە ئىسىملىك خىتايپەرەس ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئاشكارا توسۇش ھەركىتىدە بولغانلىقىنى، گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى قارىلىغانلىقىنى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى.

زۇبەيرە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە كېرەك بولغاندا ئازغىنە مەنپەئەت بېرىپ ئىشلەتسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە بىر ئۆمۈر خىتايغا سادىق بولۇپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە سولىغىنىغا ئوخشاشلا، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىغىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ھامان قارا قولىنى سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.