ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىلار ۋە تەشۋىقاتقا تويۇنغان «ۋەتەنپەرۋەر» ساياھەت پائالىيەتلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.23
uyghurgha-yotkesh-xitay-teshwiqati.jpg تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاي ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرىمى كۆرسىتىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە ئېكرانى ئەتراپىغا يىغىلغان خىتاي ساياھەتچىلەر. 2014-يىلى 1-ماي، بېيجىڭ.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بارغانسېرى خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا بەزى «يۇمشاق تەدبىرلەر» نى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قانچىلىك «مەمنۇن» ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتقانلىقىمۇ دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنە شۇ خىل چارىلىرىدىكى بىر مەزمۇن «خىتاي دۆلىتىنى سۆيىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغانلىقى» نى ئىسپاتلاشقا مەركەزلىشىشى ئۆز نۆۋىتىدە خېلى كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ قەلىمىدە ئەكس ئەتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچىسى ۋە ئۇزۇن يىللىق مۇخبىرى كېيت كېدال (Cate Cadell) نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەق مەيدان زىيارىتىدە ھېس قىلغانلىرى بۇنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جانلىق نامايەن قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ «مۇستەقىل» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ساياھەت ئوبزورىدا بۇ نۇقتىلار تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەڭ گۈزەل ماكان» نامىدىكى ساياھەت تەشۋىقاتلىىرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بارغان ھەرقانداق كىشىگە ئ‍وخشاش كېيت كېدالمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقانداق ئاممىۋى كۆڭۈل ئ‍ېچىش نۇقتىلىرىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تورى بىلەن «ئورالغان» لىقىنى كۆرگەن. خىتاي ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ راۋان ئېنگلىزچە سۆزلەيدىغان خىتاي «ساياھەتچى» لەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەستىن بۇ جايدا زادىلا «لاگىر» ياكى «قىرغىنچىلىق» دېگەنلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تاشقىيى دۇنياغا جاكارلاشتىن توختاپ قالمىغان.

مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقىنى «كۆپ خىل مىللەتلەر ئىناق ۋە ئىجىل» ياشاۋاتقان بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا «دىندىن خالىي»، «ۋەتەنپەرۋەرلىككە تويۇنغان»، ھەممىلا ئادەم خىتايچە سۆزلىيەلەيدىغان پەۋقۇلئاددە ساياھەت ماكانى، دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مۇخبىرلارنىڭ راۋان خىتايچە سوئاللىرىغا ھېچكىممۇ بىر ئېغىز ئىنكاس قايتۇرمىغان ھەمدە ھەممىلا كىشى دەرھال ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالغان. ئۇلارنىڭ بۇ «ۋەتەنپەرۋەر» ساياھەتچىلەر ۋە «ھەممىلا مىللەت ئىتتىپاق» بولغان مۇھىت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر چىقمىغان. ھالبۇكى ئۇلار ھېچقانداق ئۇيغۇرغا يېقىنلىشىشقا ئىلاج قىلالمىغاندا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىر قەدەممۇ قالماي ئىز بېسىپ ئەگىشىۋالغان «سىرلىق» كىشىلەر بۇ مۇخبىرلارغا 24 سائەت «يىراقتىن ھەمراھ» بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئاممىۋى مەيدانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنلۈك ناخشا-مۇزىكا ساداسىغا جۆر بولغان ھالدا كوللىكتىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇسسۇل پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى» نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى ناخشا-مۇزىكىغا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «بەختلىك» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رەيچىل خاررىس بۇنىڭ قويۇق سىياسىي مەنىدىكى «ئالدامچىلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

«مەن بۇ ۋىدىيولار ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى كۆردۈم. خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان خىتايلارغا ناخشا ئ‍يېتىپ ئۇسسۇل ئ‍ويناپ بېرىشكە، شۇنداقلا ئۇلارغا تەبەسسۇم قىلىشقا ‹كۆندۈرۈلگەن›. مەن ئۆزۈمنىڭ كىتابىدىمۇ بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ 2014-ۋە 2015-يىللىرىلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىلا ‹قىزىل ناخشا› لارنى ۋە ‹ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەرلىك› تېمىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇللارنى ئورۇنلاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەپتىلىك مەشرەپ پائالىيەتلىرىدە بولسا ئەسەبىيلىكنى ئىنكار قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلار بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم. ئەمىلىيەتتە بولسا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ناخشا-ئۇسسۇلغا تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانچىلىك ‹بەختلىك› ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش بەك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۆلەت ئەنئەنىسى. ئەمما مېنىڭچە بۇ خىل ناخشا-ئۇسسۇللارنى ‹بەختلىك› ھاياتنىڭ ئىسپاتى قىلىۋېلىش پەقەتلا ئاقمايدىغان بىر مەنتىقە، دەپ قارايمەن.»

مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» مەزمۇنىدىكى «شىنجاڭ ساياھىتى پائالىيەتلىرى» نىڭ ئېلانلىرىنى كۆپ كۆرگەن. شۇنداق بولغاچقا ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىدىغان نەچچە يۈز مىليون خىتاي ساياھەتچىنىڭ كۆرىدىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختلىك ھاياتى»، بۇ جايدا ھېچقانداق زۇلۇم ياكى باستۇرۇشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ قىلىۋاتقانلىرى پەقەت «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش چارىلىرى» ئىكەنلىكى بولغان. ئەمما بۇ خىلدىكى ساياھەتچىلەرگە ئالاھىدە كۆرسىتىلىدىغان دۆڭكۈۋرۈك بازىرى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئىزناسى قاتارلىق جايلارنى توپ-توپ قوراللىق ساقچىلارنىڭ «ھېمايە قىلىشى» بولسا چېقىپ تاشلانغان مەسچىت خارابىلىرىدىكى يول بويلىرىغا تىكلەنگەن «كونىچە قىياپەتنى تۈگىتىپ يېڭىلىققا يۈزلىنەيلى. كومپارتىيەدىن مىننەتدار بولايلى» دېگەن مەزمۇندىكى شوئارلارنىڭ كەينىگە كۆپلىگەن ھېكايىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىشارە قىلغان. بۇ خىل ئەھۋال توغرىسىدا سۆز بولغاندا رەيچىل خاررىس ئەڭ ئەقەللىسى كۆز يېشى قىلىش ھەققىمۇ قالمىغان ئۇيغۇرلارنى «ناخشا-مۇزىكا» غا تېڭىپ قويۇپلا «بەختلىك» قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىنى بەكمۇ غەلىتە بىر ھادىسە، دەيدۇ.

«بۇ يەردىكى بەكمۇ قىزىقارلىق بولغان يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، مەن ئۇ جايغا بارغاندا ۋە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ كۆز ياش قىلىشىنىڭ چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا ئۇلار ئۆزىگە يارىشا چارىلار بىلەن بۇ خىلدىكى كۆز ياش قىلىشنى مەنئى قىلىشقا قارشى كۈرەش قىلىدىكەن. بولۇپمۇ دىنىي ناخشىلارنى ئاڭلاپ كۆز ياش قىلغانلار بولسا لاگېرلارغا قامىلىدىكەن. بۇ خىلدىكى كۆز يېشى قىلىشنى مەنئى قىلىشقا بىر ئاماللار بىلەن قارشىلىق قىلىۋاتقان بىر خەلقنى ئەمدى ناخشا-ئۇسسۇلغا سېلىپ قويۇپ، ئۇلارنى ‹بەختلىك› كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى بەكلا غەلىتە بىر ئىش.»

خىتاي ھۆكۈمتى گەرچە تۈرلۈك ئامال-چارىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن بەكمۇ «مىننەتدار» ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، مۇشۇ خىلدىكى ئوبزورلار ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى تېگىشلىك دەرىجىدە پاش قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.