خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتايلار ئۈمىد قىلغان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.02
lager-yasalma-ussul.jpg 12 دۆلەت دىپلوماتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئورۇنلاشتۇرۇلغان» زىيارىتى جەريانىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دىكى ئۇسسۇل سەنئەت پائالىيىتى. 2019-يىلى 5-يانۋار، خوتەن.
REUTERS

خىتاي «خەلق گېزىتى» ئۆزىنىڭ خەلقئارا تەشۋىقات قورالىدىن بىرى بولغان تىۋىتتېر ھېسابىدا خوتەنلىك بىر ئۇيغۇر قىز ھەققىدە ئىشلەنگەن 2 مىنۇتلۇق بىر ۋىدىيونى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلى ۋە كۈلكە-شادلىقى بىلەن زامانىۋى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ خوتەنلىك قىز بولۇپ، بۇ ۋىدىيودا ئۇ ئۆز يۇرتى بولغان بۇ كىچىككىنە بوستانلىق بازارنى ساياھەتچىلەرگە پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرىدۇ، بۇ يەردە ئەتلەس، قولدا توقۇلغان گىلەم ۋە قاشتېشى بار،» دەپ چۈشەندۈرۈش يازغان.

بۇ ۋىدىيودا ئارزۇگۈل ئىسىملىك خوتەنلىك قىز ئانچە ئۆلچەملىك بولمىغان خىتايچە تەلەپپۇزدا خوتەندىكى «ئۈچ گۆھەر» نى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئەتلەس بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى بولغان، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەتلەسنىڭ ھازىر ھەر خىل كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىنچىسى گىلەم بولۇپ، قولدا توقۇلغان ئۇيغۇر گىلەملىرىنىڭ مەشھۇر ئىكەنلىكىنى، گىلەمچىلىك كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۈچ-تۆت ئادەمنىڭ بىر نەچچە ئايدا بىر خوتەن گىلىمنى پۈتتۈرىدىغانلىقىنى، گەرچە ھازىر گىلەم زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولسىمۇ، قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ يەنىلا قىممەت باھالىق مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۈچىنچىسى، قاشتېشى بولۇپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى، خوتەننىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئېسىل قاشتېشى چىقىدىغانلىقىنى، يورۇڭقاش دەرياسى بويىنىڭ ھازىر مەشھۇر ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى، قاشتېشىغا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ھەر كىمنىڭ خوتەنگە كەلسە خوتەن قاشتېشى بازىرىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئېسىل قاشتېشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ قىز ئاخىرىدا يەنە خوتەندە يۇقىرىقى «ئۈچ گۆھەر» دىن باشقا نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، كېيىنكى ۋىدىيودا ئۇلارنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ۋىدىيو ھەققىدە توختىلىپ: «خەلقئارانىڭ بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بۇنداق يالغان تەشۋىقاتلارنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دەپ مىڭ پەردازلىسىمۇ بىر يەرلىرىدىن چاندۇرۇپ قويىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار كۆپرەك مەركەزلەشكەن جايلاردا كۆپ ئۇيغۇر قالمىدى، خىتاي يەنە ئادەم تۇتۇپ لاگېرغا سولاشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ۋەتەننىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش يوق، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر،» دېدى ۋە بەزى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر بەردى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ ۋىدىيوغا ئىنكاس يېزىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ۋىدىيوسى، ۋىدىيودا سۆزلىگەن قىز خىتايچىنى قىينىلىپ ھەم ئازابلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ۋىدىيولار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغان كەلگۈسىنى بىزگە ئازغىنە بولسىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىنى خەلقئاراغا، خىتايلارغا ھەم ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۈمىد قىلغان ئۇيغۇرلار قانداق ئۇيغۇرلار دېگەندە، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىمەي خىتايچە سۆزلەيدىغان، خىتاينىڭ زۇلۇمىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇيدىغان، ئۆزىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى خىتاي تىلىدا ئىپادىلەيدىغان، ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ، يەنى خىتاي چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ ۋىدىيو ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز» دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىپلا قالماي، خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى بايلىقلارغا قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ھازىر غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ رەزىل ئەپتى-بەشرىسىنى خېلى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇنداق يىرگىنچلىك ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى بەلكىم ئالدىيالىسىمۇ، غەرب دۇنياسىنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىن سىرتقى دۇنياغا تارقىلىدىغان ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىۋالغان بولۇپ، خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانى ۋە نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئورنىغا ئۆز تەشۋىقاتىنى كۈچەپ ئىشقا سېلىشقا باشلىغان. يۇقىرىقى ۋىدىيو ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا كېلىدىغان ۋىدىيولار ئەنە شۇنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.