ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلغان بىر خىتاينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئەندىشىسى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.09.18
sim-tosaq-lager.jpg مەلۇم بازارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ساقچى قالپىقى. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى 50-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇشتۇرغان بىر خىتاي ئاپتورنىڭ «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر ئۆچمەنلىك بارمۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان قاتتىق قول تەدبىرلىرى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ خىل رادىكال سىياسەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە قارىتا ئاپتورنىڭ ئەندىشىسى ئىپادىلەنگەن.

تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ھەققىدە يوللىغان ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇلغان، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن ئەركىن ئازاد ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە تۋىتتېر تورىدا ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر ئۆچمەنلىك بارمۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ماقالىدە ئۆزىنى 50-يىللاردا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇشتۇرغان بىر خىتاي ئايالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بارغانسېرى رادىكاللاشقان قاتتىق قول تەدبىرلىرىگە بولغان نارازىلىقى ۋە بۇ خىل رادىكال سىياسەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە قارىتا ئەندىشىسى ئىپادىلەنگەن.

ئەركىن ئازاد ئەپەندىگە سالام خەت شەكلىدە يېزىلغان ماقالىدە، ئۆزىنى «شىنجاڭلىق خەنزۇ» دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خىتاي ئايال، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە، ئۆزىگە ئوخشاش بۇ زېمىندا چوڭ بولغان بىر خىتاينىڭ ياردەم بېرىشكە ئامالسىز ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خەت مۇنداق باشلانغان: «ئەركىن ئەپەندى، مەن ھەر كۈنى سىز تۋىتتېرغا يوللىغان خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئۇچۇرلاردىن، يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولۇۋاتىمەن. ئەرەب ئېلىپبەسىدە يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنى مەن ئوقۇيالمايمەن. ئەمما توردىكى ئۇچۇرلاردىن تۈرمە ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ھازىر قانداق ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. ھازىر يۇرتۇمدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاش ماڭا شۇ قەدەر ئېغىر ئازابلىقتۇر. گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ياردەممۇ بېرىلمەيدىغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرۇۋاتقىنىمنى، ئۇلارنىڭ بەختسىز قىسمىتىگە بولغان ھېسداشلىقىمنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئۆزۈمنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.»

ماقالە ئاپتورى يەنە ئۆز خېتىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ بۇ زېمىندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئاتالمىش خىتاي ساياھەتچىلىرى يوللىغان ئۇچۇرلاردىكى «ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇل ئويناپ بەختلىك ياشاۋاتىدۇ»، «شىنجاڭغا بارغان ساياھەتچىلەر كۆپەيدى»، «ئۇيغۇرلار خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇيغۇرلار باي بولدى» دېگەندەك يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان خەۋەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ئاتالمىش ساياھەتچىلەرنىڭ يوللانمىلىرىنى كۆرگەندىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «مەن ئاتالمىش ساياھەتچىلەرنىڭ يۇرتۇمدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇ يەردىكى تۇرمۇش ئادىتى ھەققىدە تورلارغا يوللىغان ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ساياھەتچىلەرگە تاماق ئېتىۋاتقان قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئامالسىزلىق ۋە ساياھەتچىلەرگە بولغان بىزارلىق قاراشلىرىنى كۆرگىنىمدە، مەندە يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ مايمۇنلارغا ئوخشاش كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك ئازابلىق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ھالبۇكى، مەن ئانا يۇرتۇم دەپ ھېسابلايدىغان بۇ زېمىنغا ئىلگىرى كەلگەن مېنىڭ ئەجدادلىرىم، ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئەينى چاغدا يەرلىك ئۇيغۇرلار نەزىرىدە باسقۇنچىلار دەپ قارالغانىدى» دېگەندەك جۈملىلەرنى يازغان.

مەزكۇر خەتنى تۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلغان ئەركىن ئازاد ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ماقالە ئاپتورىنىڭ بۇ خەتنى توردىن تام ئاتلاپ كىرىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆزىگە ئەۋەتىپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ۋە ئۆزىگە سالام خەت شەكلىدە يېزىلغان خەتنى ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ، 9-ئايدا تۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەتتە: «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر ئۆچمەنلىك بارمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەن بۇ خىتاي ئايال، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇش جەريانىنى ئەسلىمە قىلىپ، بالىلىق دەۋرىدە ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغانلىقى، ئۇيغۇر قىزلار بىلەن بىرلىكتە قېشىغا ئوسما قويۇپ، قولىغا خېنە قويغانلىقىنى، بېدە چۆچۈرىسى، تونۇر سامسىسى، كاۋاپ قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ چوڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ يەنە ھازىر خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى قاتمال ۋەزىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئەسلىمە قىلىپ مۇنداق يازىدۇ؛ «كېيىن ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› يۈز بەردى، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. ۋەقەنى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «رادىكال دىنىي ئېتىقاد ئىدىيەسى» نىڭ تەسىرىدە پىلانلانغان توپىلاڭ دېگەننى تەكىتلىدى. ئەمما بۇ «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «دىنىي رادىكال ئىدىيەدىكىلەر» زادى نېمىلەرنى قىلدى؟ ئۇلار يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدى؟ دېگەن مەسىلىلەرگە ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› يۈز بەرگەن كېچىسى بىز بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ھالەتتە ئىدۇق. بىز ئۇ كېچىسى ھېچقانداق بىر ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ قوغدىشى بولمىغان ھالەتتە ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئەتىسى ئەتىگەن ۋەقەنىڭ خاراكتېرى بېكىتىلىپ، كىشىلەر ئۆيىدىن تالاغا چىقالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. پۇقرالار ھەر كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردىكى قايتا-قايتا تەكرارلانغان ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنى كۆرۈش بىلەن چەكلەندى. كۆپلىگەن خەۋەرلەر تەكرار بېرىلەتتى، بەزىلەر بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك ئىدى، ئەينى چاغدىلا مەندە ۋەقە ھەققىدە نۇرغۇن گۇمانلار قوزغالغان ئىدى. مەسىلەن ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ «5-ئىيۇل كۈنى 50 جايدا بىرلا ۋاقىتتا توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاتالمىش توپىلاڭچىلارنىڭ تاش-كېسەكلەر ئارقىلىق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، قاراڭغۇ جايلارغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، مىقلىق كالتەكلەر بىلەن يول بويىدىكى كوچا چىراغلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى، توپىلاڭچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئۈرۈمچى ئاھالىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ئەمما ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى چوڭ كوچىلاردا بۇ خىلدىكى تاش-كېسەكلەر يوق ئىدى. بۇ كېسەكلەرنى بىر كېچىدىلا كىملەر ئەكېلىپ قويدى؟ كوچىنى نازارەت قىلىدىغان ساقچىلار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى نېمىشقا بۇلارنى چارلاپ بىلەلمىدى؟7-ئىيۇل كۈنى كوچىغا چىققان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قولىدىكى ئوخشاش كالتەكلەر نەدىن كەلدى؟ خىتاي پۇقرالىرى راستىنلا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ كوچىغا چىققانمىدى؟ ئەينى چاغدا مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگىنىمدە مەندە ئۆز ئانا يۇرتۇمنى يوقىتىپ قويۇۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولغان ئىدى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەركىن ئازاد ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ ئايالغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولغان بىر تۈركۈم خىتايلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئۆزىگە شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» دەپ تونۇشتۇرغان خىتايلارنىڭ ئىككى خىل ئەندىشىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ ھېسابلايدىغان ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.