ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك تەدبىرى يولغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.01.27
tajisiman-virus-AP-1.jpg خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغان. يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش كىيىمى كىيىۋالغان خىزمەتچى مېترونىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۆزىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 26-يانۋار، بېيجىڭ.
AP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە سىرتقى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرگەن ئىككى كېسەللىك بايقالغانىدى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېغىر ۋە زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا «جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك لايىھەسى» نى يولغا قويغان. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇمدار كۆپەيگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇملانغانلار جەمئىي 5 نەپەرگە چىققان. بۇنىڭ 4 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، يەنە بىرى غۇلجىدا بايقالغان. بۇلاردىن باشقا جىددىي كۆزىتىلىۋاتقانلار 204 نەپەرگە يېتىدىكەن. ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلگەنلەر ئۇيغۇر دىيارىدا تېخى كۆرۈلمىگەن.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋە ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر سۇپىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27-يانۋار كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان بارلىق ھاۋا ۋە تاش يول قاتنىشى پۈتۈنلەي توختىتىلغان.

غۇلجا شەھىرىدىن باشقا شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان كۆپىنچە ئايروپىلانلار توختىتىپ قويۇلغان. ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەرلەرگە قاتنايدىغان يولۇچى ئاپتوبۇس ۋە ئاپتوموبىللارمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ باھار بايرىمىلىق تەتىل مەزگىلى ئۇزارتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ قاچان نورماللىشىدىغانلىقى ئەھۋالغا قاراپ كېيىنچە ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن باقىتالى نۇر، قازاقىستاننىڭمۇ خەۋەرلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىددىيلىكى ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاڭلىشىچە قازاقىستان تەرەپ ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن بولغان چېگرانى ۋاقىتلىق تاقىغان ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلار 26-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش-بىرتەرەپ قىلىش ئىشخانىسىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى، خەۋپ دەرىجىسى، چېتىلىش دائىرىسىگە ئاساسەن، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى پەۋقۇلئاددە چوڭ (1-دەرىجىلىك)، چوڭ (2-دەرىجىلىك)، چوڭراق (3-دەرىجىلىك) ۋە ئادەتتىكى (4-دەرىجىلىك) دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدىكەن.

1-دەرىجىلىك لايىھە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئامال بار ئازايتىشى، يېپىق، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇلاردىن باشقا يەنە سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشى، يۇقۇملىنىش رايونىدىن قايتقان خادىملار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئامال بار ئازايتىشى، ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇملىنىش يۈزبەرگەن جايلارغا بېرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالايدىغان 16 دوختۇرخانا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 212 دىئاگنوز قويۇش نۇقتىسى بار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرىدە گەرچە، سەھىيە، مائارىپ، ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرىنىڭ-1 دەرىجىلىك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە 23-يانۋارغىچە ۋۇخەندىن يولۇچىلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەرگە كىرىشى چەكلىنىپ ئومۇميۈزلۈك كارانتېن باشلىنىپ بولۇنغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇخەندىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئايروپىلان ۋە پويىزلارنىڭ قاتنىشى توختىمىغان. ئەنە شۇ سەۋەبلىك، يەنى تەدبىرنىڭ كېچىكىپ ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغانلىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىنماقتا. ئۇلار بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان خەتىرى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ مۆلچەردىن چوڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 27-يانۋار كۈنى ت307 قېتىملىق پويىز بىلەن كەلگەن يولۇچىلارنى ئىزدەش ئېلانىنى تارقىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى جىددىي كونترول مەركىزىنىڭ 26-يانۋار ئۇچۇر تارقىتىشىچە، دائىرىلەر 19-يانۋار ت307 قېتىملىق پويىز ئارقىلىق ۋۇچاڭ شەھىرىدىن يولغا چىققان بىر يولۇچىغا، 20-يانۋار لۇڭشى ۋوگزالىدىكى تەكشۈرۈشتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش دىئاگنوزى قوغان. شۇ سەۋەبتىن دائىرىلەر مەزكۇر جىددىي ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، بۇ بىمار بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇقتۇرۇشتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇ ئولتۇرۇپ كەلگەن 8-ۋاگوندىكىلەرنىڭ ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن، لېكىن خەۋەردە 8-ۋاگوندا قانچە ئادەم بارلىقى، ئارىسىدا قانچىسىنىڭ مۇۋاپىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىلىدىغان رادىيو-تېلېۋىزىيەلەردىكى خەۋەرلەرنىڭ مۇتلەق كۈپ قىسىم پروگرامما ۋە خەۋەرلىرىدە، ئىككى كۈندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئىمكان قەدەر ئازايتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغدىنىشنى ياخشى قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ بايقالغانلىقى دەسلەپ ئاشكارىلانغان ھامان، يەنى 24-يانۋار كۈنى بىز مەخسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئېلخەت يوللاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان بولمىغانلىقى، مۇبادا بۇ ۋىرۇس مىليونلارچە ئىنسان قامالغان تازىلىق ۋە كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش شەرت-شارائىتلىرى بولمىغان لاگېرلارغا تارالغاندا نېمىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق تەدبىر قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. 25-يانۋار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. گەرچە ئۇلار جاۋابىدا سوئاللىرىمىزغا كونكرېت جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خىتاينىڭ يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتىدىن خەۋىرى بارلىقى ۋە بۇلارنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەلۋەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى نۆۋەتتە دۇنيا خاراكتېرلىك جىددىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىدۇر. ئۇنىڭ خاراكتېرى، خەۋپ دەرىجىسى، چېتىلىش دائىرىسى ھەققىدە كۆز قاراش مۇلاھىزىلەر يېڭىلىنىپ تۇرماقتا، ئەمما تېخىچە بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى تېپىلغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇخەندە ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلاپ تاكى ھۆكۈمەت رەسمىي كارانتىن تەدبىرى ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ۋۇخەندىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ 5 مىليونغا يېتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا قىلىۋاتقان ساراسىمە تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئىرادىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋىرۇس تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور ئېرىك فېئىگىل دىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە مەزكۇر خەتەرلىك ۋىرۇس ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە مۆلچەرلىرىنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتىرىدا ئېلان قىلىپ بەلگىلىك دىققەت قوزغىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات يەكۈنى بويىچە ئېيتقاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سارستىن 8 ھەسسە تېز تارقايدىكەن، ھەتتا بەلكىم 1918-يىلى تارقالغان ئىسپان زۇكىمىدىن قالسا ئالدىنقى يۈز يىلدا ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ تېز تارقالغان كېسەل بولۇپ چىقىشى مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي رېئاللىقنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان نۇرغۇن ۋۇخەنلىكلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە تاراپ كەتكەنلىكى، شۇڭا ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ ۋىرۇسلار كۆرۈلۈشكە باشلىقى كۆرسىتىلىپ، «بۇنىڭدىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نەقەدەر خەتەرلىك ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ رەزىللىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىغا خىتايدىن كېلىۋاتقان، ۋۇخەنگە كىرىپ-چىققان كىشىلەرگە قارىتا قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئامېرىكادىكى تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتلارغا ئاساسەن يەكۈنلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى، ياكى ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى، ۋە ياكى «تاجسىمان ۋىرۇس» بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا 15 كۈنگە قەدەر كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن بولۇپ، ھازىر بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ يۇقىرى يۇقۇم باسقۇچى تېخى كەلمىگەن، ھازىرقى پەرەزلەردە بۇ كېسەل، بەلكىم 3-ئايلاردا يۇقىرى پەللىگە يېتىشى، 5-ئايلاردا كونترول بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتىكەن.

گەرچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېسەل تارقىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشى، خەلقنىڭ كېسەلگە بولغان چۈشەنچە ۋە ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئېھتىياجلىق مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەمچىللىكى، كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش شارائىتلىرىنىڭ ناچار بولۇشىدەك سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالىدىن چوڭقۇر ئەندىشىگە پاتقان. ئەمما، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىلىۋاتقان بىرقىسىم ۋىدېيولاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆز-ئارا غەمخورلۇق قىلىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ماسكىغا ئوخشاش مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىشتە ئۆزلۈكىدىن ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىمۇ نامايان بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.