خىتاينىڭ ۋىرۇس دەۋاگەرلىكى ۋە لاگېرلاردىكى ۋىرۇس ۋەھىمىسى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 24-فېۋرال، بېيجىڭ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 24-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى 2019-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىيلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. بولۇپمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ توغرىسىدا ئاشكارا سۆزلىرى بۇ مۇنازىرىدە ئاساسىي مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالدى.

جاۋ لىجيەننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىدا مەدەنىيەت ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە ئۆزىگە «مۇھەممەد جاۋ لىجيەن» دەپ ئىسىم قويۇۋېلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىدە «كۆۋرۈك» لۈك رولىنى ئوينىماقچى بولغان شەخسنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىتالىيەلىك خىتايشۇناس ئالېسساندرا كاپپېللېتى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە تېخىمۇ ئەۋج ئالدى.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2019-يىلى 22 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلەپ بىرلەشمە مەكتۇپ ئېلان قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەنئى ي قىلغان «مۇھەممەد جاۋ لىجيەن» دېگەن ئىسىمدا غەرب ئەللىرىنى ئەيىبلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئىسمىدىكى «مۇھەممەد» نى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋىرۇسقا جاۋابكار قىلماقچى بولۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى 24 يېشىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىزمەتكە كىرگەن، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن بۇ شەخسنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ روشەن ئېچىپ بەردى.

ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلانغان بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكادىن ئىزدەش ھەققىدىكى بۇ ئۇرۇنۇشلار خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە يېڭى سۈركىلىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقاندا ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان HBO ئېكرانىدا ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر AXIOS خەۋەر تورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي بىلەن مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قېتىملىق تەپسىلىي سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى.

سۆھبەتتە ئالدى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشى ھەققىدە سۆز بولدى. مۇخبىر سۈي تيەنكەيدىن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرگە بىنائەن بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسنى «COVID-19» دەپ ئاتىغانلىقىنى، بۇ بەلگىلىمىدە يېڭى ۋىرۇسلار بايقالغاندا ئۇنى بىرەر رايونغا ياكى مىللەتكە باغلاپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مۇشۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ھالبۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە باشقا جايلاردا بايقالغان تارقىلىشقان ۋىرۇسلارنىڭ ناملىرىغا شۇ جايلارنىڭ نامى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ھېچقانداق كەمسىتىش مەنىسى ياكى تۈسى يوقلۇقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى كۆپ قېتىملاپ ئىزاھات بەرگەن ئىدى.

مۇخبىر مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغان ھالدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولغان جاۋ لىجيەننىڭ تىۋېتتېر بەتلىرىدە كۆپ قېتىملاپ «بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنى ۋۇخەنگە مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تارقىتىۋېتىپ قايتىپ كەتكەن» دېگەن مەزمۇندىكى بايانلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقىنى سورىغاندا سۈي تيەنكەي ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇنى رەت قىلىش توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: «بەزىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇس ۋۇخەندىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ ھەربىي تەجرىبىخانىلىرىدىن تارقالغان، دېيىشى پۈتۈنلەي ئالجىغانلىق. ئەمما ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تېپىش دىپلوماتلارنىڭ ئىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى. بۇ خىلدىكى قارىسىغا تەسەۋۋۇر قىلىش خاھىشى ھازىر بەكلا زىيانلىق،» دېدى.

ئەمما مۇخبىر جاۋ لىجيەننىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «جاۋ لىجيەننىڭ قولىدا ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكادىكى ھەربىي تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ئىسپات بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا سۈي تيەنكەي «نېمىشقا ئۆزىڭىز ئۇنىڭدىن سوراپ باقمايسىز؟» دەپ سوئال قويدى. مۇخبىر: «سىز شۇ دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى بولغاندىكىن بۇنى سوراپ باقمىغانمۇ؟» دەپ قايتۇرۇپ سوئال قويدى. ئەمما سۈي تيەنكەي گەپ يورغىلىتىپ: «مەن پەقەت مېنىڭ دۆلىتىمنىڭ رەھبىرىگە ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىمەن. ھېچقانداق شەخسكە ۋەكىللىك قىلمايمەن،» دەپ ئۆزىنى ئەپقاچتى. مۇخبىر بۇنىڭغا سوئال قويۇپ: «ئۇنداق بولسا سىلەر خىتاي دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلمامسىلەر؟» دەپ سورىغاندا سۈي تيەنكەي «مەن ئامېرىكادا دۆلىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىمەن،» دېدى. مۇخبىر: «ئۇنداقتا، بىز جاۋ لىجيەننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، دەپ قارىساق بولىدۇ. گەرچە ئۇ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن باياناتچى بولسىمۇ،» دېگەندە سۈي تيەنكەي: «مېنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىنى شەرھىلەش مەجبۇرىيىتىم يوق،» دېدى.

بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا پۈتۈن دۇنيانى ھەممىدىن بەكرەك غەزەپلەندۈرگەن بىر نۇقتا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش» ئۈچۈن ۋىرۇس بايقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ ئەھۋالنى خىتايدىكى پۇقرالاردىن يوشۇرۇشى ھەمدە تاشقى دۇنياغا بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى بولغان ئىدى. مۇخبىر مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئېلىپ «يۇقۇملۇق كېسەللىك دەسلەپ باشلانغاندا ئاز ساندىكى كىشىلەرگە يۇقىدۇ. ھازىر ‹ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ۋىرۇس بايقالغان ھامان بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللانغان بولسا ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى ئاز دېگەندىمۇ 95 پىرسەنت تۆۋەنلىتىشكە بولاتتى، › دېگەن پىكىرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا سۈي تيەنكەي بۇنى «بۇ پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان پاكىتلار ئاساسىدىكى باياناتلاردۇر،» دېدى.

خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجينەننىڭ «تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ئىزدەش لازىم» دېگەن پىكرىنى «ئالجىغانلىق» دەپ ئىنكار قىلىشى ئاقساراي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەمما ئۇنىڭ مۇخبىر سورىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا غايەت زور خەتەر سۈپىتىدە يېقىنلاۋاتقان ۋىرۇسنىڭ تەھدىتلىرى ھەققىدىكى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى ھەمدە لاگېر ھەققىدىكى بايانلىرى سۈي تيەنكەينىڭ ماھىيەتتە يەنىلا بىجانىدىللىق بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

(داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت