خىتاينىڭ ئاتالمىش «چېگرانى قوغداش ۋە چېگرادا يىلتىز تارتىش» تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيىتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.04.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
«نوپۇس مۇستەملىكىسى» دىن تۇغۇلغان پىكىرلەر: ئۇكرائىنا ۋە ئۇيغۇرلار تارىم نېفىتلىكىگە كۆچۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئەتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشتا. 2003-يىلى 14-سېنتەبىر، تەكلىماكان.
REUTERS

13-ئاپرېل كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى ئىشلىگەن «گۈل نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل: پامىر ئېگىزلىكىدىكى ھاياتلىق ناخشىسى» ناملىق فىلىمنىڭ پۈتكۈل خىتايدا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «فىلىمدا پامىر ئېگىزلىكىدىكى بىر ئائىلىدىكى 3 ئەۋلادنىڭ شۇ جايدىكى چېگرا قوغداش قىسىملىرىغا ھەمكارلىشىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن» «تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى» ھېكايە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە مەزكۇر فىلىم، ھاياتى بويىچە چېگرانى قوغداش قىسىملىرىغا ھەمكارلىشىپ، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن، باش قەھرىمان لاچىننىڭ مۇزلۇققا چۈشۈپ كەتكەن بىر بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن. فىلىمدا باش قەھرىمان لاچىن «چېگرا رايوندىكى ئارمىيە-خەلق دوستلۇق ئۈلگىسى» ۋە «ۋەتەن چېگراسىنى قوغداشتىكى قەھرىمانلىق ئۈلگىسى» سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن.

1980-يىللاردا خىتايدىكى مەزگىلىدە كىنو فىلىملىرىدا رول ئالغان، ھازىر كانادادا ياشايدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كىنوچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئومۇملاشقان كەيپىيات ئىكەن.

شېڭ شۆ خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر فىلىمگە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى خىتايدا ئىشلەنگەن «مۇزتاققا كەلگەن مېھمان» فىلىمىدىكى «گۈل نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل» دېگەن ناخشىنىڭ نامى بېرىلىشى دىققەت قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فىلىمدىمۇ، ئەينى يىللىرىدىكى «مۇز تاققا كەلگەن مېھمان» فىلىمىدىكىگە ئوخشاشلا، ئاتالمىش، «دۆلەت چېگراسىنى قوغداش» ۋە «ئارمىيە-خەلق دوستلۇقى» دىن ئىبارەت بۇ كونا مۇقام تەكرارلانغان.

شېڭ شۆنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «يېڭىدىن ئىستىلا قىلىنغان زېمىن مەنىسى» دىكى «شىنجاڭ» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان، مانجۇ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىننىڭ ھەر ۋاقىت قولدىن كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، بۇ خىلدىكى يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنى، مەيلى ماۋزېدوڭ دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى ئاتالمىش «ئېچىۋېتىش ئىسلاھات دەۋرى» دە بولسۇن 70 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، فىلىمدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاتالمىش «چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش» تەشۋىقاتى 60-70-يىللاردىكى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە، خىتاينىڭ ئەينى يىللىرىدىكى دۈشمىنى سانىلىدىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چېگرا بويلىرىدىكى قوشنا دۆلەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ تەشۋىقاتنىڭ ھازىر يەنە بازارغا سېلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىكەن. خۇ پىڭ ئەپەندى: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دوستلۇقى ھەدەپ مەدھىيەلىنىۋاتقان، ئەتراپتىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ئاستىدىكى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە خىتايغا مايىل ئوتتۇرا ئاسىيە جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا تىجارەتلىرى كۈچەيتىلگەن بۈگۈنكى دەۋردىمۇ، ئاتالمىش ‹چېگرانى قوغداش قەھرىمانلىرى›نىڭ مەدھىيەلىنىشى چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلىنىشمۇ ياكى دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ دېگەن سوئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەجەبلىنەرلىك مەسىلە» دەپ تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چېگرانى قوغداش، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ چېگرانى بۇزۇشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش» دېگەنلىرى، خىتاي پۇقرالىرى چەتئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئەركىن ئىلتىماس قىلالايدىغان، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى چەكلەنگەن بۇ مەزگىلدە بۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر چېگراسى ئارقىلىق ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قېچىش يولىنى توسۇشنى كۆرسىتىدىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا «شىنجاڭغا ياردەم، چېگرا رايونلاردا يىلتىز تارتىش» نامىدا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش تۈگەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي دېھقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كۆپلەپ يۆتكەشنى تېزلەتكەن.

خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ بۇ خىل تەشۋىقات كۈچەيگەن بولۇپ، يېقىندا ئاشكارىلانغان جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېڭ چىياڭ مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق لېكسىيەسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرگە ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا ئوخشاش چېگرا رايونلارغا بېرىشى»، «چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى» ۋە «چېگرا رايوندا مەڭگۈ يىلتىز تارتىشى» نى تەشەببۇس قىلغان.

جېڭ چىياڭ مۇنداق دېگەن: «شىزاڭ ۋە شىنجاڭ غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى ۋە پادىشاھ كاڭشى دەۋرىدە ئەجدادلىرىمىز ھاياتى بەدىلىگە ئىستىلا قىلىنغان جايلار. بۇ جايلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئەمگەك بايلىقى، زېمىن-مەدەن بايلىقى، ھەتتا ھاياتلىق مەنبەسى. سىلەر ھەر كۈنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەرگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىسىلەر. ئەمما ئۇ جايلارغا كىم بارىدۇ؟ ئۇ جايلارنى كىملەر قوغدايدۇ؟ بىزنىڭ تەربىيەلەپ يېتىلدۈرىدىغىنىمىز ئاز سانلىق مىللەت بىلىم ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى جاپاغا چىداملىق خىتاي ئوقۇغۇچىلار. ھازىر ھەممەيلەن راھەت قوغلىشىدۇ، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنى، شېنجېندا، گۇاڭجۇدا، شاڭخەيدە يەرلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ ھالدا غەربىي دىيارنى قانداق قىلىمىز؟ شىنجاڭنى، شىزاڭنى كىم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؟ شۇڭا مەن جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇنداق ئىرادەمنى بىلدۈرىمەن. ئەگەر 10 يىلدىن كېيىن غەرب كۈچلىرى بىزنىڭ شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا ھۇجۇم قىلسا، مەن جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورلۇقۇمنى تاشلاپ، ھاسامنى كۆتۈرۈپ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئازادلىق ئارمىيەگە ھەمدەمدە بولىمەن».

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ پروفېسسورىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاۋاتقان چېگرا رايونغا بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلارغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئۈچۈن قىلىنغان تەشۋىقات ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ خىل كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ كۆچمەن يۆتكەشتىكى مەقسىتى ئەمەلىيەتتە شۇ جايلاردىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش. ئۇلار بۇنى ‹چېگرانى قوغداش› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇ جايلارنى خىتايلاشتۇرۇش. ئۇلار بۇ جايلاردا مەدەنىيەت جەھەتتە زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنى تېڭىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چەكلەش ئارقىلىق، خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇشتىن باشقا خىتايلارنى كۆپلەپ يۆتكەش ئارقىلىق، يەرلىك خەلقلەر نوپۇسىنى ئازايتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى. چۈنكى خىتايدا ‹يەرلىك ئاپتونومىيە› دېگەن قۇرۇق گەپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رايونلاردا زور كۆپ ئاھالە يەنىلا يەرلىك خەلقلەر، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇ جايلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى».

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۈل نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىل: پامىر ئېگىزلىكىدىكى ھاياتلىق ناخشىسى» ناملىق فىلىمدا تەرغىب قىلىنغان «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش»، «چېگرا رايونلارنى قوغداش»، دېگەندەك بۇ خىل تەشۋىقاتلار، نۆۋەتتە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كىنو-سەنئەت فىلىملىرىدىن تارتىپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى مەكتەپلەرگە قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان.

شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تەشۋىقاتلار 1960-70-يىللاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىگە ئوخشاپلا قالماستىن ھەتتا ئەڭ رادىكال ھالەتكە يەتكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزى ئەڭ ئاجىز نۇقتىلار دەپ ھېسابلايدىغان شىنجاڭ، شىزاڭ، يەنى تىبەت دەپ ئاتالغان، ئاتالمىش «چېگرا رايونلارنى قوغداش»، «چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش» دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ رايونلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە كېلىش خەۋپى بولغان خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قورال سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.