ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 ‏- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى


2007.05.01

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 1 ‏- ماي كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا،ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن، يۇقىرىلاپ ئەرز قىلغۇچىلار ئارىسىدا، 500 دىن ئارتۇق كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ماجيالۇ دېگەن يەرگە ئاپىرىپ سولاپ قويۇلغان. ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مىڭلىغان ئىشچى ۋە پائالىيەتچىلەر 1 ‏- ماي كۈنى كوچىلارغا چىقىپ،كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.نامايىش جەريانىدا، ئىشچىلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتتىن مائاش ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر قىسىم شەھەرلەردە، مەسىلەن، جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېئول شەھىرىدە، ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتى ناھايىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان. نەچچە مىڭلىغان كىشى ئۇنىۋېرسىتېت كوچىسىدا، يامغۇرغا قارىماي بايراق كۆتۈرۈپ، شۇئار توۋلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك ۋە سودا قانۇنىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى ماركو شەھىرىدە، ساقچىلار بەلگىلەپ بەرگەن چېگرىدىن ھالقىپ كەتكەن نامايىشچىلارنى كۆرگەن ساقچىلار ئاسمانغا ئوق ئېتىش ۋە سۇ چېچىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر جايدىكى نامايىشتا، گەرچە يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، 5 نەپەر نامايىشچى خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن قانۇنسىز ئىشچى قاتارىدا قولغا ئېلىنغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.